قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھىكمەتلىك ئۇنچىلەر

2017-12-14 20:00:40     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھايات ياشايمەن دەيدىكەنسىز قىممەت يارىتىشىڭىز كېرەك، قىممىتى يوق نەرسە تېز يوقىلىدۇ، ئىلگىرى ياراتقان قىممەت كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى تىرىشىشىڭىز كېرەك!
 ناۋادا سىز ئىگىز تاغ باغرىدىكى گۈل بولۇپ، بۇ جايغا ئىنسان ئايىغى تەگمىگەن تەقدىردىمۇ ئوخشاش ئېچىلىشىڭىز كېرەك.
 ھەر بىر ئىشنى قىلغاندا سىزنىڭ قىلغىنىڭىزنى چۈشەنمەيدىغانلار چىقىشى مۇمكىن، ئەمما سىز قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى جان پىدالىق بىلەن قىلسىڭىز شۇ كۇپايە. سىزنى ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەمما سىز چوقۇم ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلەيدىغان ئادەم بولۇشىڭىز كېرەك.
بىلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ، لىكىن بىلمەيدىغان سۆزنى قىلىپ سالماڭ.
كۈلكە ئۆمۈرنى، تەپەككۇر ئەقىلنى ئۇزارتىدۇ.
بىرەر ئىشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ قىلغان ئادەم، داۋراڭدىن يىراق بۇلىدۇ.
تاللاپ يىمىسىڭىز ئاشقازىنىڭىز، تاللاپ ئۈگەنمىسىڭىز زىھنىڭىز كاردىن چىقىدۇ.
ھىجىيىش كۆپ ھاللاردا خۇشامەتتىن، ۋارقىراش كۆپ ھاللاردا قورقۇشتىن كىلىدۇ.
بىر- بىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشسە پەقەت تەسەللىيلا بىرەلەيدىغان، ئەمما قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقارمايدىغان دوسىتلارنى يېرىم دوسىتلار دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
ھىسىيات بىلەن ياشايدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ھاياتلىق بىر تىراگېدىيە، پىكىر بىلەن ياشايدىغان ئادەمگە نىسبەتەن ھاياتلىق بىر كومېدىيە.
ئەگەر سىز ھەر كۈنى باشقىلاردىن يېرىم قەدەم كىيىن قالسىڭىز، بىر يىلدا 183 قەدەم كىيىن قالىسىز، 10 يىلدا 108 مىڭ چاقىرىم كېيىن قالىسىز.
نىكاھنىڭ قىيىنچىلىقى شۇ يەردىكى، بىز قارشى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن مۇھەببەتلىشىمىز، ئەمما ئۇنىڭ كەمچىلىكى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرىمىز.
دوستلۇق ئالقاندىكى قۇمغا ئوخشايدۇ، بوش تۇتسىڭىز ئالقاندا تۇرىدۇ، بەك چىڭ تۇتسىڭىز بارماقلىرىڭىز ئارسىدىن ئېقىپ كىتىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى