قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۇنياغا مېھىر- مۇھەببەتلىك كۆزىڭىز بىلەن نەزەر سېلىڭ

2017-12-19 13:34:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مېھىر- مۇھەببەت تۇيغۇسى -- گۈزەل ئەخلاقنىڭ يارقىن نامايەندىسى، شۇنداقلا ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ھەممە ئىشىنى يالغۇز ئۆزىلا قىلىپ باشقا ئېلىپ چىقىپ كېتەلىشى ناتايىن. خۇددى «كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر»، «كۆڭۈلدىن كۆڭۈلگە يول بار» دېگەندەك، بۇ دۇنيادا ياشىغان ھەر بىر ئىنسان كۈندىلىك تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ قوللىشى، ياردەم بېرشى، ئۆز- ئارا غەمخورلۇق قىلىشىغا، كۆيۈنۈشىگە مۇھتاج بۇلىدۇ.  مېھىر- مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىگە سەل قارىغىلى بولمايدۇ ھەم ئۇنى باشقا نەرسىلەر بىلەن تەڭلەشتۈرگىلى ۋە باشقا نەرسىنىڭ ئورنىغا قويغىلى بولمايدۇ. چۈنكى مېھىر- مۇھەببەت ئىنسانغا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ ئېلىپ كېلىدۇ، ئىنسان مېھىر- مۇھەببەت بىلەن ھەر زامان، ھەر ماكاندا ئۆزىنىڭ چىن ماھىيىتىنى نامايەن قىلىدۇ. ھاياتلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ يېقىملىق كۈيلىرىنى ياڭرىتالايدۇ.
مېھىر- مۇھەببەت گويا بۇلاقكى سۈزۈك ئاي شولىسىدەك يېقىملىقلىقى بىلەن كۆڭۈللەرنى ئۆزىگە تارتىدۇ. خۇددى قۇياش نۇرىدەك مۇزلىغان قەلبلەرنى ئىللىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاتەش تەپتىدىن زىمىستاندا باھار جىلۋە قىلىدۇ. مېھىر- مۇھەببەت، سەمىمىي ساداقەتتىن ئاپىرىدە بولغان ئاجايىپ مۆجىزىلەر سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. كىمنىڭدۇر بىر يۇتۇم سۈيى، كىمنىڭدۇر ھاياتنى قۇتقۇزۇپ قېلىشى، كىمنىڭدۇر بىر ئېغىز ياخشى سۆزى، كىمنىڭدۇر ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بىر بېقىشى بىلەن شىكەستىلەنگەن قەلبىدە ئۇلۇغۋار ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىشى، مۇزلىغان قەلبنى ئېرىتىشى مۇمكىن. شۇنداق، دۇنيا مېھىر- مۇھەببەت بىلەن ئاجايىپ گۈزەل. ھەر بىر قەلب مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان تەبەسسۇم بىلەن گۈزەل، ھەر بىر قەلب مېھىر- مۇھەببەت تەبەسسۇمى بىلەن سۇغرىلغانلىقى بىلەن گۈزەل.ئەگەر سىز بىرسىگە خۇشپۇراق ئەتىرگۈل سوۋغا قىلسىڭىز، قولىڭىزدا شۇ ئەتىرگۈلنىڭ پۇرىقى ۋە ئىزناسى قالىدۇ-دە، كۆڭلىڭىز شۇ پۇراق بىلەن ئۇزۇنغىچە شادىيانە تۇيغۇدا بولىدۇ. ئەگەر سىز چىن سەمىمىيىتىڭىز، ئەمەلىيىتىڭىز بىلەن باشقىلارغا مېھر بېرەلىسڭىز، باشقىلار سىزگە ئون قەترە مېھرىبانلىق كۆرستەلەيدۇ، سىزمۇ خوشاللىق، ئازادىلىك ئىچىدە بەخىتلىك ياشىيالايسىز، تۇرمۇشىڭىز يېڭى- يېڭى مەنىلەرگە تولىدۇ. شۇڭلاشقا سىز دۇنيا گۈزەللىككە، شادلىققا ۋە بەختيارلىققا تولسۇن، جەمئىيەت تېخىمۇ ئىناقلىققا، سۆيگۈگە تولسۇن دېسىڭىز، دۇنياغا مېھىر- مۇھەببەتلىك كۆزىڭىز بىلەن نەزەر سېلىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى