قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەھۋەنىڭ ئون خىل ئاجايىپ رولى

2017-12-19 13:59:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەھۋەنىڭ ئون خىل ئاجايىپ رولى بولسا ئۆلگەن تېرىلەرنى تازىلاش، پۇراقنى يوقىتىش، غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش، ئاشخانا سايمانلىرىنى يۇيۇش، تېرە ئاستىدا ئارتۇق يىغىلىپ قالغان ماينى چۈشۈرۈش، پاشىنى يوقىتىش، چاچنى پارقىرىتىش، ئۆي جاھازلىرىدىكى سىزىلغان ئىزلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تەبىئىي بوياقلىق رولىغا ئىگە بوش، ئۆسۈملۈك، ئوت- چۆپلەرنى ئوغۇتلاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، قېنى بۇلارنى سىزمۇ سىناپ كۆرۈڭ.
قەھۋە ئۇۋىقىنى بەدەن يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تېرىگە سۈركەپ بەرگەندە، بەدەندىكى ئۆلگەن تېرىلەرنى تازىلاپ، تېرىنى سىلىقلايدۇ ھەم چىڭىتىدۇ.
   توڭلاتقۇغا بىر قاچا يېڭى قەھۋە ئۇۋىقىنى ياكى قەھۋە پۇرچىقىنى قويۇپ قويسا، توڭلاتقۇدىكى پۇراق يوقىلىدۇ. ئاياغنىڭ ئىچىگە ئاز مىقداردا قەھۋە ئۇۋىقىنى چېچىپ قويسا، ئاياغ ئىچىدىكى پۇراقمۇ يوقىلىدۇ.
   سامساق، بېلىق قاتارلىق پۇرىقى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى تازىلىغاندا، قولغا سىڭىپ قالغان پۇراقنى قەھۋە ئۇۋىقى ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولىدۇ. قەھۋە ئۇۋىقىدا قولنى ئۇۋۇلاپ ئاندىن ئىلمان سۇدا يۇيۇۋەتكەندە، قولدىكى پۇراقنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
قەھۋە ئاجىز كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، قەھۋە ئۇۋىقىنى ئاشخانا بۇيۇملىرىنى يۇيۇشقا ئىشلەتسە بولىدۇ. ئاشخانا ئۆيدىكى ئوچاق بېشى، قازان قاتارلىق ياغ دېتى بىر قەدەر كۆپرەك بولغان ئاشخانا سايمانلىرىنى قەھۋە ئۇۋىقى بىلەن ياكى قەھۋە ئۇۋىقىنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يۇيسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىننىڭ ياغ مېتابولىزمىنى تېزلىتىش رولى بار بولۇپ، ھەر كۈنى كەچ يۇيۇنۇپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن، ئوخشاش نىسبەتتىكى قەھۋە ئۇۋىقى بىلەن بەدەن ئۇۋۇلاش مېيىنى ئارىلاشتۇرۇپ، بەدەننى ياكى قىسمەن پەللىلەرنى ئۇۋۇلاپ بەرسە ئورۇقلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قەھۋە ئۇۋىقى ۋە كوففېئىن پاشا لىچىنكىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئۈنۈملۈك توسىدىكەن. قەھۋە ئۇۋىقىنى ھويلا، زەيكەش ۋە ئۆينىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرىغا چېچىپ قويسا، پاشىنى مەنبەسىدىن يوقاتقىلى بولىدىكەن. ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ خىل تەبىئىي ھاشارات يوقىتىش ئۇسۇلى مۇھىت ئاسرايدىكەن ، ئۆي ئىچىنىمۇ قەھۋەنىڭ مەززىلىك پۇرىقى قاپلايدىكەن.
چاچنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، مۇزلىتىلغان قەھۋەنى چاچقا سۈركەپ، 20 مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىمدىن بىر قانچە ھەپتە داۋاملاشتۇرغاندا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
قەھۋەنىڭ كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتى ھەم سىلىقلاش رولى بولغاچقا، ئۆي جاھازلىرىنى تازىلاش رولى بولۇپلا قالماي، يەنە سىزىلغان ئىزلارنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. تېز ئېرىيدىغان قەھۋەگە ئازراق ئىسسىق سۇ قوشۇپ، مەلھەم ھالەتكە كەلتۈرۈپ، ياغاچ ئۆي جاھازلىرىنىڭ يۈزىدىكى سىزىلغان ئىزلارغا سۈركىسە بولىدۇ. ناۋادا ئىز چوڭقۇر بولسا، بىر قانچە قېتىم كۆپرەك سۈركىسە بولىدۇ، يەنى سىزىلغان ئىزنىڭ رەڭگى ئۆي جاھازىسىنىڭ رەڭگى بىلەن پەرقسىز بولغانغا قەدەر.
قەھۋە تەركىبىدىكى پىگمېنت ئىنتايىن ياخشى تەبىئىي بوياق ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، قىسمەن قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت بۇيۇملىرى قەھۋە بىلەن بويىلىدۇ.
قەھۋە ئۇۋىقىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئازوت بار بولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىلار ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. قەھۋە ئۇۋىقى ياكى قەھۋە سۇيۇلدۇرۇلغاندىن كېيىن ئېشىپ قالغانلىرىنى ئەتىرگۈل، كاككۇكگۈل قاتارلىق كىسلاتانى خالايدىغان ئۆسۈملۈكلەرگە ئوغۇت ئورنىدا ئىشلەتكەندە، گۈل تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى