ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

    100سېلسىيە گىرادۇسلۇق ھايات

2017-12-27 13:43:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە ئاز قالدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرستە پروفېسسور ئۇلارنى تەجرىبىخانىغا باشلاپ باردى. چاچلىرى ئاقارغان پروفېسسور ئۇلارغا تەكشى بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن: «بۇ مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرسىم، بۇ سائەتتىكى تەجرىبە تولىمۇ ئاددىي، شۇنداقلا تولىمۇ سىرلىق. سىلەرنىڭ بۇ دەرسنى ئۆمۈرۋايەت ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى، بۇ سىلەرنىڭ كېيىنكى ھاياتىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق»دېدى. پروفېسسور گېپىنى تۈگىتىپ، بىر ئەينەك پروبىركىنى قولىغا ئالدى-دە، ئىچىگە سۈزۈك سۇ قۇيدى، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ نورمال ھالەتتىكى سۇ، ئەگەر ئۇنى ئېرىققا تۆكسەك، ئۇ ئېقىپ بېرىپ دەرياغا قوشۇلۇشى، ئاندىن دېڭىزغا قويۇلۇشى مۇمكىن»دېدى. پروفېسسور سۇ قۇيۇلغان پروبېركىنى يېنىدىكى توڭلىتىش ساندۇقىغا سېلىۋېتىپ: «بىز ھازىر ئۇنى توڭلىتايلى»دېدى. پروفېسسور بىردەمدىن كېيىن پروبىركىنى ئالدى، پروبىركىدىكى سۇ سۈزۈك ھەم قاتتىق مۇزغا ئايلانغانىدى. «نۆلدىن تۆۋەن تېمپراتۇرىدا بۇ سۇ مۇز تۇتتى، مۇز سۇنىڭ يەنە بىرخىل ھالىتى، بىراق سۇ مۇزغا ئايلانغاندىن كېيىن ئاقالمايدۇ، خۇددى قۇتۇپتىكى مۇزلاردەك. ئۇ مۇزلار نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇ يەردە تۇرىۋاتىدۇ، دەريا-دېڭىزلارغا ئېقىپ بېرىش تۈگۈل، نەچچە كېلومېتىر ئارىلىققىمۇ بارالمايدۇ. ئۇلار تۇرىۋاتقان مۇزلۇق چوققىلارنى ئۇلارنىڭ پۈتكۈل دۇنياسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ خىلدىكى سۇلارنىڭ تەقدىرى كىشنى ئېچىندۇرىدۇ.»دېدى پروفېسسور. «ھازىر بىز سۇنىڭ ئۈچىنچى خىل ھالتىنى كۆرۈپ باقايلى»، پروفېسسور بىر تەرەپتىن سۆزلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن مۇز بار پروبىركىنى ئوت يېقىلغان ئىسپىرىت لامپىنىڭ ئۈستىگە قويدى. بىر ئازدىن كېيىن مۇز ئاستا-ئاستا ئېرىدى، ئاندىن كېيىن ۋاراقلاپ قايناشقا باشلىدى، سۇ ھورى تېپتىنىچ تەجىربىخانا ئىچىگە تارقىلىشقا باشلىدى، بىردەمدىن كېيىن سۇ پارغا ئايلىنىپ تۈگىدى. پروفېسسور ئىسپىرىت لامپىنى ئۆچۈرىۋېتىپ كۆپچىلىكتىن سورىدى: «دەپ بېقىڭلارچۇ، سۇ نەگە كەتتى؟» ھەممەيلەن پروفېسسورغا جىمجىت تىكىلىپ ئولتۇرۇشاتتى. ھەممەيلەننىڭ كاللىسىدا ئوخشاش بىر سوئال ھۆكۈم سۈرەتتى: ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئاخىرقى سائەتلىك دەرستە شۇنچە بىلىملىك پروفېسسور نېمىشقا ھەممە ئادەم بىلىدىغان بۇنداق ئاددىي تەجىرىبىنى ئىشلەپ ئولتۇرىدىغاندۇ؟ بۇنى تولۇقسىزدا، ياق باشلانغۇچتىكى چاغدىلا ئىشلەپ بولغان تەجرىبىتىغۇ؟ بۇ تەجرىبە ئاددىي بولغانلىقى ئۈچۈنلا ھېچكىمنىڭ ھەممە بىلىدىغان بۇ سوئالغا جاۋاپ بەرگۈسى كەلمىگەندەك قىلاتتى. پروفېسسور ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ: «سۇ نەگە كەتتى؟ئۇلار پارغا ئايلىنىپ ھاۋا بوشلۇقىغا، ئاشۇ كۆپكۆك، بىپايان ئاسمانغا چىقىپ كەتتى». پروفېسسور بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: «سىلەرگە بەلكىم بۇ تەجىرىبە بەك ئاددىي، مەنىسىز تۇيۇلغان بولۇشى مۇمكىن،لېكىن...»، پروفېسسور تۇيۇقسىزلا تەلەپپۇزىنى ئۆزگەرتتى، ئۇ قاتتىق قىلىپ: «بۇ ھەرگىز بىر ئاددىي تەجىرىبە ئەمەس!»دېدى. ئۇ كۆزلىرىدىن ھەيرانلىق چىقىپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلارغا قاراپ:«سۇنىڭ ئۈچ خىل ھالىتى بار، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭمۇ ئۈچ خىل ھالىتى بار، سۇنىڭ ھالىتىنى تېمپراتۇرا بەلگىلەيدۇ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ھالىتىنى ئۆز قەلبىمىزنىڭ تېمپراتۇرىسى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ تۇرمۇش ۋە ھاياتقا نىسبەتەن مۇئامىلىسى 0 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولسا، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ تۇرمۇش ھالىتى مۇزغا ئۆزگىرىدۇ، ئۇنىڭ پۈتكۈل تۇرمۇشى تاپىنى ئاستىدىكى ئاشۇ بىر نەچچە غېرىچ يەردە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەگەر بىر ئادەم تۇرمۇش ۋە ھاياتقا نىسبەتەن نورمال مۇئامىلىدە بولسا، ئۇ پەقەت ئادەتتىكى بىر ئوچۇم سۇ بولۇپ دەرياغا، دېڭىزغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇ مەڭگۈ زىمىندىن ئايرىلالمايدۇ. مۇبادا، بىر ئادەم تۇرمۇش ۋە ھاياتقا 100سېلىتسىيە گىرادۇسلۇق مۇئامىلىدە بولسا، ئۇ ھالدا ئۇ پارغا، بۇلۇتقا ئايلىنىپ پەرۋاز قىلالايدۇ، دېمەك، ئۇنىڭ دۇنياسى كائىناتتەك چەكسىز بولىدۇ». پروفېسسور ئوقۇغۇچىلىرىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «سىلەر بۇ ئەڭ ئاددىي تەجرىبىنى چۈشەندىڭلارمۇ؟»دەپ سورىدى. «ياق، بۇ ھەرگىز ئاددىي تەجرىبە دەرسى ئەمەسكەن!» دەپ چۇقىراشتى ئوقۇغۇچىلار. «سىلەرنىڭ تۇرمۇش ۋە ھاياتقا 100سېلىتسىيە گىرادۇسلۇق پوزىتسىيەدە بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا سىلەرنىڭ دۇنيارىڭلار ئەڭ چوڭ بولىدۇ، مانا بۇ مېنىڭ بۇ سائەتلىك تەجرىبە دەرسىمنىڭ يەكۈنى»پروفېسسور كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. دەرسخانىدا گۈلدۈرمامىدەك ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، ئوقۇغۇچىلار بۇ بىر سائەتلىك دەرسنى ئېسىدە چىڭ ساقلىۋالدى. چۈنكى، ئۇلار بۇ دەرس ئارقىلىق قەلبنىڭ تېمپىراتۇرىسىنىڭ ئادەمنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىنى بەلگىلەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت چوڭقۇر ھەقىقەتنى بىلىۋالغانىدى.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى