قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سۈتنى قانداق ۋاقىتتا ئىچسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ؟

2017-12-28 17:56:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەتىگەنلىك ناشتا ئادەم بەدىنىدىكى بىر كۈنلۈك ئېنىرگىيەنىڭ كېلىش مەنبەسى. سۈت بولسا ئاسان ھەزىم بولىدىغان تەبىئىي يېمەكلىك بولۇپ،  تەركىبىدە ئاقسىل، كالتسىي، ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول. ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن سۈت ئىچكەندە، بىر كېچە ئاچ قورساق ھالەتتىكى ئاشقازان - ئۈچەينى سىلىقلاشتۇرۇپ، بەدەننى ئوزۇقلۇق ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئەتىگەندە ئاچ قورساق سۈت ئىچىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك، چۈنكى سۈت ئېقىشچان ماددا بولۇپ، ئاچ قورساق ئىچكەندە ئاشقازان ئارقىلىق سىرتقا چىقىپ، ئارىسىدىكى ئاقسىل قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار تولۇق ھەزىم بولماي تۇرۇپ، ئۈچەي يولىغا كىرىپ، ئاسان پارچىلىنىپ، ئېنىرگىيە خوراپ كېتىدۇ ھەم لاكتوزىغا چىدامسىزلىق كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتىن بۇرۇنقى بۇ ۋاقىتتا ئادەم  چارچاش، ھېرىش ھېس قىلىپ، ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.سۈت تەركىبىدىكى مول ئاقسىل، خام قايماق ئادەم بەدىنىگە ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ روھلاندۇرىدۇ.
سۈت تەركبىدە ترىپتوفان L ماددا، مورفىن تۈرىدىكى ماددىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سۈت تەركىبىدىكى كالىتسىينىڭ جىددىي كەيپىياتنى پەسەيتىش رولى بار. ئۇنىڭدىن سىرت، ئادەم ئۇيقۇغا كىرگەندىن كېيىن، ئادەم قېنىدىكى كالىتسىي تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچكەن سۈت قاندىكى كالىتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تىزگىنلەپ، تەڭپۇڭ ھالەتنى ساقلاپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۈت ئىچسە كالىتسىينىڭ قوبۇل قىلىشىغا پايدىلىق.
زاۋۇتتىن ئىشلىنىپ چىققان كۈندىكى بىر ئاي ئىچىدە ئىچىش كېرەك، بۇ يەردە دېيىلگىنى تاللا بازاردا سېتىلىدىغان ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدىكى سۈتنى كۆرسىتىدۇ، ئاز ساندىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق پاستېر سۈت بۇنىڭ سىرتىدا. ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان سۈتتە چۆكمە پەيدا بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى