قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

58 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى باھادا سېتىلغان ناننىڭ كەينىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش كەسپى

2017-12-28 18:41:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇپتاي يېزىسىدىكى ناۋاي ئۇستام خالمەمەت نۇرجاننىڭ يىراق- يېقىندا داڭقى بار. ئۇ تەييارلىغان توخو شەكىللىك نان 58 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى باھادا سېتىلدى. ئۇ يەنە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىدا، «بىنەم» ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كۈنىگە 8 مىڭ نان ساتىدىغان بولدى ھەمدە يېقىن ئەتراپتىكى 40 ئائىلىنى باشلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ ئاتلاندى.
نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇپتاي يېزىسىدا ئۆستۈرۈلگەن بۇغداينىڭ دېنى توق بولۇپ، ئۇنىڭدىن تارتىلغان ئۇن ناھايىتى سۈپەتلىك چىقىدۇ. 2014- يىلى، خالمەمەت نۇرجان بۇغداي ئۇنى، تۇخۇم، سۈت قاتارلىقلارنى ئارلاشتۇرۇپ نان يېقىپ، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، خالمەمەت نۇرجان «بىنەم» ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى. «بىنەم» ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا جەمئىي 15 تونۇر بولۇپ، كۈنىگە 10 مىڭدىن ئارتۇق نان يېقىلىدىغان بولغاچقا، يەرلىكتىكى كىشىلەر بۇ يەرنى «نان زاۋۇتى» دەپ ئاتايدۇ. خالمەمەت نۇرجان تۇنۇلۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، بەدىئىيلىككە ئىگە نانلارنى تەييارلىدى. بۇ يىل 5- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 7- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا يىمەك- ئىچمەك يەرمەنكىسىدە، خالمەمەت نۇرجان تەييارلىغان بۇ بەدىئىي نانلار كۆپچىلىكنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى. ئىچكىرىدىن كەلگەن بىر سودىگەر بۇ نانلارنى سېتىۋالماقچى بولدى. خالمەمەت نۇرجان مۇنداق دېدى: ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىغاچقا، ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن باھا قويدۇم. ئۇ بۇ باھانى ئۆرە كۆرۈپ كېتىپ قالدى. 2- كۈنى، ئۇ يەنە مېنى ئىزدەپ كېلىپ، باھانى بىر ئاز تۆۋەنلىتىپ بېرىشنى ئېيتتى. باھادا كېڭىشىش ئارقىلىق، توخو شەكىللىك بۇ ناننى ئۇنىڭغا 58 مىڭ يۈەنلىك باھادا سېتىپ بەردىم. ھەر ئىككىمىز بۇنىڭدىن خۇش بولدۇق.
ھازىر، «بىنەم» ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ نانلىرى ئۆز يېرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە سېتىلغاندىن سىرت، گۇاڭجۇ، شىنجىن قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلدى. «بىنەم» ناۋايلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھازىر جەمئىي 38 خىزمەتچى بار. بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن زىكرىيا ئابدۇلەم مۇنداق دېدى: ھەر ئايدا 5 مىڭ يۈەن ئىش ھەققى ئالىمەن. ئىلگىرى، باشقا يەردە ئىشلەيتتىم. مانا ھازىر، سۇپتاي يېزىسىغا كېلىپ ناۋايلىق قىلىۋاتقىنىمغا 3 يىل بولدى.
ھازىر، سۇپتاي يېزىسى «بىنەم» ماركىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىشكە تەييارلانماقتا. سۇپتاي يېزىلىق پارتكومنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقى لى گۈەنچىن مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش خىزمىتى توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز «بىنەم» ماركىسىنى ئاساس قىلغان 13 تۈرلۈك مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقاردۇق. ھازىر، مەيلى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياكى قوشۇلما كەسپلەردىن پۇل تېپىۋاتقانلارنىڭ سانى 500 دىن كۆپرەككە يەتتى. بۇنىڭ بىلەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق كىرىم مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشتى.
بىر ناننىڭ 58 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى باھادا سېتىلىشى-- قارىماققا مۇمكىن بولمايدىغاندەك ئىش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، بىزنىڭ يېنىمىزدىلا يۈز بەردى. «بىنەم» نانلىرىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى-- تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولدى. ئەمما، مۇخبىر بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتىنىڭ «ئەقىل- پاراسەت» ئىكەنلىكىنى  كۆرۈپ يەتتى. بۇ يەردىكى «ئەقىل- پاراسەت» ئالدى بىلەن، يەرلىكتىكى بۇغداي ئۇنىنىڭ لەغمەن ئېتىشكە ئانچە ماس كەلمەيدىغان يېتەرسىز تەرىپىنى كۆرۈپ يېتىپ، نان يېقىش ئارقىلىق نام قازىنىش جەھەتتە؛ يەنە بىر جەھەتتە، ناننى تەييارلاش جەريانىغا بەدىئىي ئامىللارنى سىڭدۈرۈش جەھەتتە ئىپادىلەندى. «بىنەم» نانلىرى گۇاڭجۇ، شىنجىن قاتارلىق جايلارغا سېتىلغاندا، يەرلىكتىكى 40 نەچچە ئائىلە مۇشۇ سەۋەپلىك بېيىش يولىغا قاراپ ماڭغاندا، كىچىك «نان» دا ئىپادىسىنى تاپقان «ئەقىل- پاراسەت» كۆپچىلىكنى ھەيران قالدۇردى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «نامراتلارنى كەڭ كۆلەمدە يۆلەش ئەندىزىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنى ئىرادە، ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش»-- جايلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ئەمەلىيىتىدە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمما، «ئەقىل جەھەتتىن يۆلەش» نى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جايلار ئۆز ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، قاراتمىلىققا ئىگە يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى ۋە قوللىشى؛ ئامما ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان كۈچلەرنى قېزىپ چىقىرىشقا ماھىر بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى