قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلەر

2017-12-29 19:17:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

* ئەدەپلىك ۋە گۈزەل خۇلۇقلۇق كىشلەر كۆپەيسە، كىشىلەرنىڭ بىر- بىرىگە بولغان مۇھەببىتى بارغانسېرى راۋاج تاپىدۇ. ئەدەپ- ئەخلاق ۋە كەمتەرلىك، تەبىئي ياخشى خۇلۇققا ئىگە بولغان كىشى خەلقنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
* كىشىگە نىسبەتەن ئەڭ سۆيۈملۈك نەرسە نېمە؟ تۇرمۇش. چۈنكى بىزنىڭ بارلىق خوشاللىقىمىز، بارلىق ئۈمىدىمىز پەقەت تۇرمۇش بىلەن زىچ باغلانغان.
* ئىنسان يىراق يوللارنى كەزمەي تۇرۇپ يېقىنلارنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ.
* ھەرىنىڭ چېقىشىدىن قورققان ئادەم ھەسەلنى پەقەت يىراقتىنلا كۆرەلەيدۇ.
* مەرۋايىت سۇ ئۈستىدە بولمايدۇ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن خېيىمخەتەرگە قارىماي سۇنىڭ تەكتىگە چۆكۈش لازىم.
* قىيىنچىلىقنىڭ بولۇشى يامان ئىش ئەمەس. قىيىنچىلىق ئادەمنى چارە ئىزدەشكە مەجبۇرلايدۇ، قىيىن شارائىت ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ، چۈنكى جاپا- مۇشەققەت ئادەم تاۋلايدىغان ئالىي مەكتەپتۇر.
* مۆجىزە كۆپ ھاللاردا تاسادىپىيلىقتىن كېلىدۇ.
* باشقىلار سىز ئۈچۈن بىر ئەينەك.
* ھاياتتا ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالسىمۇ ياشىغىلى بولىدۇ، لېكىن ئىشەنىچتىن ئايرىلىپ قالسا بولمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى