ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر تال گىلاستا ئىپادىلەنگەن مىننەتدارلىق

2018-01-02 17:27:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەلۇم بىر كۈنى ئەتتىگەندە، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ پەلەمپىيىدىن ئەمدى چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا ئۇدۇل تەرەپتىن بىر قىز ماڭا قاراپ يۈگۈرۈپ كەلدى، مەن سەل ھەيران قالدىم. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلار مېنىڭ سۈرلۈك تەلەتىمدىن ئۈركۈپ ماڭا ئاسانلىقچە يېقىنلاشمايتتى. قىز يېقىنلاپ كېلىپ، «مۇئەللىم، بۇنى سىزگە بېرەي!» دېگىنىچە قولىدىكى بىر تال قىپقىزىل گىلاسنى ماڭا ئۇزاتتى. يېڭىلا ئۈزۈلگەن گىلاس مەرۋايتتەك جۇلالىنىپ تۇراتتى، مەن ئىختىيارسىز قولۇمنى ئۇزىتىپ، گىلاسنى ئالدىم. «رەھمەت سىزگە قىزىم!» دەۋەتتىم قەلبىمدىكى سۆيۈنۈشنى يوشۇرۇپ بولالماي. «سىزگىمۇ رەھمەت، مۇئەللىم» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
ۋۇجۇدۇمنى بىر خىل مەمنۇنلۇق ھەم خۇشاللىق قاپلىدى. ھارغىنلىقلىرىم ئاللىقاياقلارغىدۇر يوقاپ، ئۆزۈمنى شۇنچە يەڭگىل، شۇنچە راھەت ھېس قىلدىم، ھاۋا تېخىمۇ ساپ، مەكتەپ قورۇسى تېخىمۇ گۈزەل، ئوقۇغۇچىلار تېخىمۇ ئوماق كۆرۈنۈپ كەتتى. مەن خۇددى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدا مۇئەللىمىگە ساقلاۋاتقان بىر تال گىلاسنى ــ يېڭىدىن ئۈزگەن، قىپقىزىل، شېرىن، جۇلالىق مېۋىنى، ئەشۇ گىلاسقا ئوخشاش پاكىز قەلبنى كۆرگەندەك بولدۇم. مەن ھېلىقى ئوقۇغۇچىنى تونۇمايتتىم، لېكىن ئۇ مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇ ئوقۇغۇچى مېنى، ماڭا ئوخشاش قاپىقىدىن مۇز يېغىپ تۇرىدىغان، كۈلسە تېخىمۇ سەتلىشىپ كېتىدىغان، سەپرا مىجەز مۇئەللىمنى تونۇپتۇ. ھېلىقى ئوقۇغۇچىغا ئۆزۈمنىڭ قانداق «ياخشىلىق» قىلغانلىقىم ئېسىمدە يوق. لېكىن ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ مېنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئېنىق، مەندىن خۇش بولغانلىقى ئېنىق، مەندىن مىننەتدار بولغانلىقى ئېنىق. ئۇ ماڭا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۆپ ئويلانغان، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ــ ئويۇنچۇق، پىرەنىك، شاكىلات، تورت، گۈللەرنى... تەسەۋۋۇر قىلغان، ئاخىرىدا مۇشۇ يېڭى پىشقان چوغدەك قىزىل گىلاسنى تاللىغان بولۇشى مۇمكىن.
بىر تال گىلاس. مېنى خۇش قىلغىنى بىر تال گىلاس ئىدى. ئىككى تال، ئۈچ تال، بىر چاڭگال ياكى بىر سېۋەت گىلاس بولسا، بۇنچە خۇشال بولالماسلىقىم مۇمكىن، بىر تاللا گىلاس، ئۇنى بىرلا چىشلىسىڭىز تۈگەيدۇ، بىردەملىك شېرىن تەم سىزنىڭ گىلاسقا بولغان خۇمارىڭىزنى، ئىشتىھايىڭىزنى قاندۇرالمايدۇ، ھەتتا تەشنالىقىڭىزنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ ئەھمىيەتلىك يېرى دەل ئۇنىڭ بىر تاللىقىدا. قىزچاق ھېچنېمىگە قارىماستىن سىزگە بىر تال گىلاسنى سوۋغا قىلدى، نېرى-بېرىسىنى ـــ گىلاسنىڭ ئازلىقىدىن خىجىل بولۇشنى، سىزنىڭ گىلاسنى ئاز كۆرۈپ رەت قىلىشىڭىزنى، باشقىلارنىڭ مەسخىرە قىلىشىنى ئويلىمىدى، خۇددى ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ قەلبىگە ئوخشاش يەككە-يېگانە، بىر تاللا گىلاسنى سىزگە بەردى.
مېنىڭ بۇ گىلاسنى يېيىشكە پەقەت كۆزۈم قىيمىدى، ئۆزۈمچە بۇ بىر تال گىلاسنى ئانامغا تۇتقۇم كەلدى، ئانام چوقۇم توققۇز ھەشقاللا بىلەن قولۇمدىن ئېلىپ، يىرىك قوللىرىدا ئاۋايلاپ تۇتۇپ، بىرنى پۇرىۋالغاندىن كېيىن، گىلاسنى بېشىدىن ئېگىز كۆتۈرىدۇ ،چۈنكى كىچىك ۋاقتىمدا ئون تال ئۈرۈكنىڭ مېغىزىدا تىزىق ئېتىپ ئانامغا بەرسەم، شۇنداق قىلغانىدى، ئاندىن «بېشىڭىز كۆككە يەتسۇن» دەپ، ماڭا قايتۇرۇپ بېرىدۇ. دادامغا بەرسەم، دادام چوقۇم ئورۇق قوللىرى بىلەن گىلاسنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ، مەمنۇنىيەت بىلەن ماڭا قاراپ: «ئاسماندا ئۇچ!» دەيدۇ. مەن بۇ بىر تال گىلاسنى باشلانغۇچتىكى مۇئەللىمىمگە تۇتسام، ئۇ چوقۇم مەندىنمۇ بەك خۇش بوپ كېتىدۇ. مەندەك بىر ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆزىنى ئۇنتۇماي يوقلاپ كەلگىنىدىن ئالەمچە سۆيۈنىدۇ. مەن بۇ بىر تال گىلاسنى بىر دېھقانغا، تازىلىق ئىشىچىسىغا، پىژغىرىم ئىسسىق، قەھرىتان سوغۇقتا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىغا، دوختۇرخانىدا سەكراتتا ياتقان بىر بىمارغا، بىر مېيىپ ئادەمگە، ھەتتا شەھەر باشلىقىغا، دېۋىزىيە كوماندىرىغا تۇتسام ... گىلاسنى ئالغان ھەرقانداق بىر كىشى مۇنۇ بىر تال گىلاستىن ئالەمچە خۇشال بولۇشى، مىننەتدار بولۇشى ئېنىق.
تۇيۇقسىزلا كاللامغا دۇنيانى ئۆزگەرتىۋېتەلەيدىغىنى بەك ئاددىي نەرسىلەرمۇ نېمە، دېگەن خىيال كەلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، دۇنيانى ئۆزگەرتىۋېتىدىغىنى قانداقتۇر ئۇلۇغ سۆزلەر بولماستىن، بەلكى گېزى كەلگەندە بىر تال گىلاس چاغلىق نەرسە ــ گىلاس چاغلىق مۇھەببەت، گىلاس چاغلىق مىننەتدارلىق، گىلاس چاغلىق چۈشىنىش ۋە ئىشىنىش، گىلاس چاغلىق سىغدۇرۇش ۋە كەڭ قورساقلىق بولسا كېرەك. ئاتالمىش بەخت، خۇشاللىق، پاراغەت، مۇھەببەت، ئىناقلىق، قوۋناقلىق... دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بىر خىل تۇيغۇ ــ مەمنۇنلۇق، مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدىن ئىبارەتتۇر.
بىز تىلغا ئېلىۋاتقان ئانا، پەرزەنت، ۋەتەن، خەلق مۇھەببىتى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەلۇم مەنىدىن مەمنۇنلۇق، مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنىڭ كونكرېت ئىپادىلىنىشىدۇر. يەنى ئىنساننىڭ مېھىر-مۇھەببەت تۇيغۇسىدىن بالا ئاپىرىدە بولسا، مۇھەببەت، مەسئۇلىيەت، بۇرچ ۋە سۆيگۈدىن ۋەتەن، خەلق مۇھەببىتى پەيدا بولىدۇ؛ ئانىدىن مىننەتدار بولمىغان ئادەمنىڭ ئائىلە، جەمئىيەتكە نىسبەتەن مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيىتىمۇ كەم بولىدۇ؛ ۋەتىنىدىن مىننەتدار بولمىغان ئادەمنىڭ ھېچنېمىسى بولمايدۇ. ھېچنېمىسى يوق ئادەمدە ئالدى بىلەن مىننەتدارلىق بولمايدۇ، مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يوق ئادەم ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىسى يوق ئادەمدۇر.
مىننەتدارلىق خۇددى ئۇرۇققا ئوخشاش قەلبكە گۆدەك ۋاقىتتىن باشلاپ تېرىلىشى ۋە پەرۋىش قىلىپ ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك. مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش بالىلاردا، پۇقرالاردا مۇقىم بولغان ئىرادە پەزىلىتى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ، ئەڭ مۇھىمى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى. مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يېتىلگەندىلا شەخستە ئاندىن جەمئىيەتكە جاۋابكار بولۇش، تۆھپە قوشۇش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھى بولىدۇ، شەخسىيەتچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ كىچىك ئائىلىسىدىن جەمئىيەت ۋە دۆلەتتىن ئىبارەت چوڭ ئائىلىسىنى چوڭ بىلىدىغان بولىدۇ. مەيلى ئائىلە تەربىيەسى بولسۇن، جەمئىيەت تەربىيەسى ياكى مەكتەپ تەربىيەسى بولسۇن، بالىلارغا تەبىئەت بولمىسا ھاياتلىقنىڭ بولمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەبىئەتتىن مىننەتدار بولۇش لازىملىقىنى، ئۇنى ئاسراشنىڭ، ئۇنى قوغداشنىڭ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك؛ بالىلارغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن مىننەتدار بولۇش لازىملىقىنى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسى بولمايدىكەن، شەخسنىڭ كىچىك ئائىلىسىدىن ئېغىز ئېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ۋەتەن بەختنىڭ، پاراغەتنىڭ، خۇشاللىقنىڭ، غۇرۇرنىڭ، خاتىرجەملىكنىڭ پاسىبانى ئىكەنلىكىنى، ۋەتەندىن مىننەتدار بولۇش بىر ئوقۇغۇچىنىڭ، بىر پۇقرانىڭ ھوقۇقى، شۇنداقلا مەجبۇرىيىتى، ھەتتا شان-شەرىپى ئىكەنلىكىنى تونۇتۇش ئىنتايىن زۆرۈر.
مىننەتدارلىقنى تەرك قىلغۇچىنىڭ كۆڭلى خۇددى تېگى يوق ئۆڭكۈرگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ كۆڭۈل قەسىرىگە يولىغان ھەر قانداق بىر ئىنسان ئەشۇ تېگى يوق ئۆڭكۈرگە غەرق بولىدۇ. ئۇنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە ئۆزىدىن باشقا ئىككىنچى بىرى بولمايدۇ، ئۇنىڭ نەپسى-خاھىشىمۇ ئوخشاشلا ئەشۇ قەلبىدىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈردەك تەگسىز. ئۇ ئەشۇ تەگسىز ئۆڭكۈرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى تەمە قىلىدۇ، تەلەپ قىلىدۇ، ئېلىۋالىدۇ، يەۋالىدۇ، يالىۋالىدۇ-يۇ، «يەپ تويمىغان يالاپ تويماپتۇ» دېگەن گەپ بويىچە تويمايدۇ. ئۇنىڭ كۆڭۈل قەسىرىدىن پەقەت بىرلا تۆشۈك ئېچىلغان، بۇ تۆشۈك ھەرگىزمۇ ئىزگۈلۈكنىڭ، مىننەتدارلىقنىڭ پايانىغا ئەمەس، بەلكى ھېلىقى تېگى يوق قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە تۇتاشقان، ئۇ ئەڭ ئاخىرى ئەشۇ تۇيۇق يول بىلەن ھېلىقى قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە غەرق بولىدۇ.
شەخسىيەتچى ئىنسان، بېخىل ئىنسان باشقىلاردىن مىننەتدار بولۇشنىمۇ، باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى قوبۇل قىلىشنىمۇ خالىمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئالدى بىلەن شەخسىيەتچىلىكنىڭ چۈشەكلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلمىگەنلىكتىن باشقىلارنىڭمۇ ئۆزى قىلغان ياخشىلىققا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا، دۇرۇس نىيەت، مەمنۇنلۇق، سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەشۇ ياخشىلىقلارغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ئۆزى ئۈچۈن يۈك دەپ قارايدۇ، ئۇ خۇددى كېچىدىكى شەپەرەڭدەك ئىزگۈلۈك، يورۇقلۇق، ئوچۇقلۇقتىن قورقىدۇ، مىننەتدارلىقتىن قورقىدۇ.
پىسخىكا نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۆزىنى مەركەز قىلغۇچىلار ھەمىشە بىر خىل قوغدىنىش، ئۆزىنى چەتكە ئېلىش، خۇدۇكسىرەش، جىددىيلىشىشتەك پاسسىپ ھالەتتە تۇرغاچقا، ئاسانلا جىسمانىي ۋە روھىي كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار تەبىئەتنى، ئاتا-ئانىنى، دۆلەتنى، بارچە ئادەملەرنى خۇددى ئۆزى ئۈچۈن قەرزداردەك ھېس قىلىدۇ، ئۇلاردىن ئېرىشكەنلىرىنى مەجبۇرىيەت دەپ قارايدۇكى، مىننەتدار بولۇشنى ئويلاپمۇ باقمايدۇ.
ۋەھالەنكى، ياخشىلىق ۋە مىننەتدارلىق باھار ئاپتىپىدەك، گۈلنىڭ شىرنىسىدەك ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىنى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئارىسىنى يېقىن ۋە ئىشەنچلىك قىلاتتى، ئۇ ئىشەنچنىڭ، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، كۈچ-قۇدرەتنىڭ، ئۆملۈكنىڭ، غەلىبە-نۇسرەتنىڭ، خۇشاللىق-مەمنۇنىيەتنىڭ ئاساسى ئىدى.
تاغام دوختۇرخانىغا كىرىپ، ئۆزىنىڭ ئوڭ پۇتىنىڭ لىپىكى ئاغرىيدىغانلىقىنى دەپتىكەن، دوختۇر ئۇنىڭغا سۆڭەك بىلەن سۆڭەك ئوتتۇرىسدا بىر خىل سىلىقلىغۇچ سۇيۇقلۇق بولىدۇ، مۇشۇ سۇيۇقلۇق تۈگەپ كەتسە، سۆڭەك سۆڭەككە سۈركىلىپ ئاغرىيدۇ، دەپتۇ. مەن ئۆزۈمچە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى ياخشىلىق بىلەن مىننەتدارلىقنى ئەشۇ سىلىقلىغۇچى سۇيۇقلۇققا ئوخشىتىپ قالدىم. ئىنسان تەبىئەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرسە، ئۇ تەبىئەت قوينىدىكى بىر مەۋجۇداتقا ئايلىنىدۇ، ئۇ ئىنسانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرسە، ئىنساننىڭ قېرىندىشىغا ئايلىنىدۇ، يەر شارى ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ۋە ئېغىزدا يادلانمىسىمۇ تارىختىن ئۆچمەيدىغان بۇنداق مىننەتدارلىقنىڭ كۈچى ۋە قۇدرىتىگە نېمە توغرا كەلسۇن؟ باشقىلار مىننەتدار بولىدىغان ئىش قىلالىغان ئىنسان شەرەپلىك ئىنساندۇر، ئوخشاشلا مىننەتدارلىقنى بىلىپ ۋە بىلدۈرۈپ ياشىيالىغان ئىنسان پەزىلەتلىك ئىنساندۇر!

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى