قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچنىڭ كەشىپ قىلىنىشى ھەققىدە

2018-01-02 20:11:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

19- ئەسىردە گىلەمنىڭ ئائىلىلەردە ئومۇملىشىشى بىلەن، ئۇنى تازىلاش كىشىلەرگە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كەلدى. كىشىلەر گىلەمنى پاكىز ھەم تېز تازىلايدىغان ماشىنىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشتى. 1876- يىلى ئەنگلىيىلىك بېسسىر نۇرغۇن قېتىم تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، سۈپۈرۈش ماشىنىسىنى ياساپ چىقتى. بۇ ماشىنىغا چاڭ- توزانلارنى قاچىلايدىغان ساندۇق ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. لېكىن، يەر يۈزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تازىلاش چوتكىسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى. ئۇ چاغلاردا، بۇ تازىلاش ماشىنىسىنى ساراي ۋە گولف توپ مەيدانلىرىنىڭ تازىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتەتتى. 1901-يىلى  ئەنگلىيىلىك قۇرۇلۇش ئىنژېنېرى بورس لوندوندىكى ئېمپېرىيە مۇزىكا سارىيىغا بېرىپ ، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن ساندۇق شەكىللىك چاڭ تازىلىغۇچنىڭ مەشغۇلاتىنى كۆردى. بورس بۇ خىل ماشىنىنىڭ چاڭ- توزانلارنى توزۇتۇپ تازىلاش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىن زور ئىلھام ئالدى. «چاڭ- توزاننى بۇنداق توزۇتۇپ تازىلىساق قانداق بولىدۇ؟ ئەسلىدە ئۇنى ماشىنا ئىچىگە سۈمۈرۈپ كىرىپ، ئاندىن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ئىدى« بورس شەخسەن ئۆزى سىناپ بېقىش قارارىغا كەلدى. بورس ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن، ياغلىق بىلەن ئېغىز- بۇرنىنى ئېتىپ پولدا ياتقىنىچە ھاۋانى سۈمۈرۈشكە باشلىدى. نەتىجىدە، ياغلىقنىڭ كەينى تەرىپى چاڭ- توزانلارنى يېپىشتۈرۈۋالغانىدى.  بورس بۇ تەجرىبە نەتىجىسىگە ئاساسەن، دۇنيادىكى تۇنجى ۋاكۇئۇملۇق توزان سۈمۈرگۈچنى كەشپ قىلدى. 1901- يىلى 8- ئايدا بورسنىڭ ۋاكۇئۇملۇق توزان سۈمۈرگۈچ شىركىتى بارلىققا كەلدى. ۋاھالەنكى، بورس كەشىپ قىلغان توزان سۈمۈرگۈچنىڭ ھەجىمى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ماتور بىلەن ھەرىكەتلىنەتتى. شۇڭا، ئۇنى ئات ھارۋىسىغا قۇراشتۇرۇپ، ئۆيمۇ ئۆي مۇلازىمەت قىلىشقا توغرا كېلەتتى. بىر قېتىم، ئۇ توزان سۈمۈرگۈچ ئورنىتىلغان ئات ھارۋىسىنى يول بويىغا توختىتىپ، ئۇنىڭ ئۇزۇن شلانكىسىنى تازىلىنىدىغان ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، گىلەم تازىلايدۇ. ئات توزان سۈمۈرگۈچتىن چىققان قاتتىق ئاۋازدىن ئۈركۈپ تېپىچەكلەپ كېتىدۇ. چارلاش ساقچىسى بۇنىڭغا ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كېيىن باشقىلار بورسنىڭ كەشپىياتى ئاساسىدا، بۇ توزان سۈمۈرگۈچنى قايتىدىن ياساپ چىقتى. ئاقىۋەتتە، سۈمۈرگۈچنىڭ ھەجىمى كىچىكلەپ، ئۆي- ئۆيلەردە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى