قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەرخەمەك

2018-01-03 17:39:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر كۈنى ۋاڭ بىڭ بىلەن دوڭ رۈي بېلىق تۇتماقچى بولۇپ دەريا بويىغا كەلدى. بىراق، ئۇلار بىرەر تالمۇ بېلىق تۇتالمىدى. قايتقۇچە ئۇلار چىغىر يول بىلەن كۆكتاتلىق ئارىسىدىن ماڭدى. تەرخەمەكلىكنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇلار پىچىرلىشىپ تەرخەمەك ئوغرىلىماقچى بولدى ۋە ھەش- پەش دېگۈچە شىم- چاپانلىرىنىڭ يانچۇقىلىرىنى تەرخەمەككە توشقۇزدى. بۇ چاغدا كۆكتاتلىققا قارايدىغان بوۋاي ئۇلارنى كۆرۈپ قېلىپ ئاگاھلاندۇردى. ئىككىيلەن پۇشتەكنى ئاڭلاپ ئالدى- ئارقىغا قارىماي قېچىشتى. ۋاڭ بىڭ قېچىپ كېتىۋېتىپ ئويلىنىپ قالدى. «ئاپام، دادام تەرخەمەك ئوغرىلىغىنىمنى بىلىپ قالسا چوقۇم تىللايدۇ، ھەتتا ئۇرىدۇ»... ئۇ قېچىپ دالدىغا كەلگەندە ھاسىراپ- ھۆمۈدەپ توختىدى- دە، يانچۇقىدىكى تەرخەمەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋوڭ رۈيگە بېرىۋەتتى. ۋوڭ رۈي ئۇنىڭ تەرخەمەكلەرنى نېمىشقا بىرىۋەتكەنلىكىنى سوراپمۇ قويماي خۇشال- خورام ئۆيىگە قايتتى.
- ئاپا، ساڭا بىر مۇنچە تەرخەمەك ئەكەلدىم، - دېدى ئۇ ئۆيگە كىرىپلا.
ئاپىسى دوڭ رۈينىڭ قولىدىكى يوغان ئىككى تال تەرخەمەكنى ۋە پومپىيىپ تۇرغان يانچۇقلىرىنى كۆرۈپ غەزەپ بىلەن:
- بۇ تەرخەمەكلەرنى نەدىن ئالدىڭ؟ - دەپ سورىدى.
- كۆكتاتلىقتىن.
- قايسى كۆكتاتلىقتىن؟
- دەريا بويىدىكى كۆكتاتلىقتىن.
- كىمدىن سورىدىڭ؟
- ھېچكىمدىن.
- ئوغرىلاپ كەپسەن- دە؟
- ياق ئوغرىلىمىدىم، كۆكتاتلىقتىن ئۈزۈپ كەلدىم. ۋاڭ بىڭ ئۈزگەنىدى، مەنمۇ ئۈزدۈم.
ئۇ يانچۇقلىرىدىكى تەرخەمەكلەرنى بىر- بىرلەپ ئالدى.
- توختا، نەگە بارىسەن؟ - دېدى ئاپىسى سىرتقا مېڭىشقا تەمشەلگەن دوڭ رۈينىڭ ئالدىنى توسۇپ، - تەرخەمەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ قەيەردىن ئالغان بولساڭ، شۇ يەرگە ئاپىرىپ بەر!
- سىرتقا ئاچىقىپ تاشلىۋەتسەملا بولمىدىمۇ؟
- ياق، سەن تەخەمەك تېرىغىنىڭ، ئۇنى ئوتاپ، يۇمشىتىپ، سۇغارغىنىڭ يوق. شۇڭا ئۇنى خالىغانچە ئۈزۈشكە ھېچقانداق ھەققىڭ يوق.
دوڭ رۈي يىغلاپ تۇرۇپ:
- كۆكتاتلىققا قارايدىغان ئادەم بار ئىكەن. ئۇ پۇشتەك چېلىپ بىزنى ئاگاھلاندۇرغانىدى، قېچىپ كەتتۇق، - دېدى.
- ماۋۇ ئىشنى قارا، سىلەر نېمە ئىش قىلغىنىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇ ئادەم سىلەرنى تۇتىۋالغان بولسىچۇ؟
- ئۇ بىر بوۋايكەن، بىزنى قوغلاپ بېقىپ توختاپ قالدى...
- ئۇيالمىدىڭما؟
دوڭ رۈي خىتىلداپ يىغلاشقا باشلىدى. ئانا ئوغلىغا چۈشەندۈردى:
- كۆكتات ئىگىسى بوۋاينىڭ تەرخەمەكلەرنى ئوغرىلىتىپ قويغانلىقىنى بىلىدىغان بولسا، ئۇنى ۋەزىپەڭنى ياخشى ئورۇنلىمىدىڭ، دەپ تەنقىدلەيدۇ. شۇنداق بولسا بولامدۇ؟
ئاپىسى تەرخەمەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ بوۋايغا ئاپىرىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. دوڭ رۈي يىغلىغىنىچە:
- ياق، بارمايمەن. ئۇ بوۋاينىڭ مىلتىقى باركەن. بارسام ئېتىۋېتىدۇ، - دېدى.
- ئاتسا ئېتىۋەرسۇن، بالام دەپ بىر ئوغرىنى چوڭ قىلغاندىن كۆرە، بالىسىز ئۆتكىنىم ياخشى!
- ئۇنداقتا، سەنمۇ بىللە بار. قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى، قورقىمەن.
- تەرخەمەك ئۈزگەندە قورقماپسەنغۇ!
ئاپىسى ئۇنىڭ يانچۇقلىرىغا پاتمىغان تەرخەمەكلەرنى قولىغا تۇتقۇزدى- دە، ئۇنى ئىتتىرىپ:
- تەرخەمەكلەرنى ئاشۇ بوۋاينىڭ قولىغا تاپشۇرماي تۇرۇپ ئۆيگە كىرگۈچى بولما، بولمىسا سەندەك ئوغلۇم يوق، - دېگىنىچە ئىشىكنى يېپىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
دوڭ رۈي كۆكتاتلىق تەرەپكە يول ئالدى، قاراڭغۇدا بەش قەدەم نېرىدىكى نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇ «تەرخەمەكلەرنى دەرياغا تاشلىۋېتىپ بوۋايغا ئاپىرىپ بەردىم، دەيمۇ يا» دېگەنلەرنى ئويلىدى. لېكىن، شۇ ھامان ئاپىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئېسىگە ئالدى ۋە «موبادا سۇدا ئېقىپ كېتىۋاتقان تەرخەمەكلەرنى بىرى كۆرۈپ قالسا، بۇ ئىش كۆكتاتلىق ئىگىسىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ، بوۋاي تەنقىدكە قالىدۇ...» دېگىنىچە بۇ نىيىتىدىن ياندى.
ئۇ كۆكتاتلىققا يېقىنلاشقانسېرى ۋاڭ بىڭ توغۇرلۇق ئويلاندى. «ۋاڭ بىڭ تەرخەمەكلەرنى ماڭا بېرىۋېتىپ قۇتۇلغانىكەن- دە! ھازىر ئۇ ئۆيىدە غەمسىز ئۇخلاۋاتقاندۇ..». ئەتراپ قاراڭغۇ، تىمتاس بولۇپ، ئۆزىنىڭ تىنىقىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلانمايتتى. ئۇ قورققىنىدىن تولىمۇ ئاستا مېڭىپ، قاراڭغۇدا ئېتىز چېتىدىكى كەپىنى ئىلغا قىلدى- دە، كەپە ئالدىغا كېلىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
دوڭ رۈينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان بوۋاي كەپىدىن چىقىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى:
- نېمە بولدۇڭ؟ نېمىگە يىغلايسەن؟
- بوۋا، تەرخەمەكلىرىڭىزنى ئەكەلدىم
- تەرخەمەك؟
- ۋاڭ بىڭ ئىككىمىز ئۈزگەن تەرخەمەك. ئاپام ئاپىرىپ بەر، - دېدى.
- ھە، ئەسلىدە...- بوۋاي كەچكە يېقىن بولغان ئىشلارنى ئېسىگە ئالدى. - پۇشتەك چالساممۇ پىسەنت قىلماي تەرخەمەكلەرنى ئېلىپ قاچقان ئىككى شەيتاننىڭ بىرسى سەنمۇ؟ - دېدى بوۋاي.
- ۋاڭ بىڭ ئۈزگەندىن كېيىن مەنمۇ ئۈزگەن. ئۇ ئۆزى ئۈزگەن تەرخەمەكلەرنى ماڭا بېرىۋېتىپ ئۆيىگە كەتتى.
- بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قانداق ئىش قىلساڭ، باشقىلارنى دورىماي ئۆزۈڭ پىكىر قىل، بولامدۇ؟ خەيىر، ئەمدى ھەرگىز بۇنداق ئىشنى قىلما، تەرخەمەكلەرنى قويۇپ ئۆيۈڭگە قايىت!
دوڭ رۈي يانچۇقلىرىدىكى تەرخەمەكلەرنى ئېلىپ، ئېتىز قىرىغا قويۇپ قويدى.
- ھەممىنى ئەكەلدىڭمۇ؟
- ياق، بىرى كەم، - دېدى دوڭ رۈي يىغلاپ تۇرۇپ.
- نېمىشقا ھەممىنى ئەكەلمىدىڭ؟
- بوۋا، بىرىنى مەن يېگەنىدىم، قانداق قىلىمەن؟
- قانداق قىلاتتىڭ؟ بۇنىڭغا باشقا ئامال يوق. يېگىنىڭ يېگەنچە كەتسۇن. قورسىقىڭ ئاغرىپ قالمىسا بولدى.
- بوۋا، بىر تال تەرخەمەك ئۈچۈن كۆكتاتلىق ئىگىسى سىزنى تەنقىدلەرمۇ؟
- نېمىلەرنى دەپ يۈرىسەن قوزام، - بوۋاي پىخىلداپ كۈلۈپ كەتتى، - تەنقىدلىمەيدۇ. بىرى كەم بولسا بولار، ئەگەر تولۇق ئەكەلگەن بولساڭ ھۆكۈمى باشقىچە بولاتتى. دوڭ رۈي ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ بىر نەچچە قەدەم ئېلىپ توختىدى- دە:
- بوۋا، مەن يەۋەتكەن تەرخەمەكنى قانداق ھېسابلايسىز؟ ئوغرىلىغان دەپ قارامسىز؟ - دېدى.
 بوۋاي دېمىقىنى قېقىپ قويۇپ جاۋاب بەردى.
- ھە، بۇ بىر قىيىن مەسىلە بولدى. بىراق، بەك چوڭ ئىشمۇ ئەمەس. شۇڭا، ئوغرىلاندى دېمىسەممۇ بولار.
- ئەمىسە نېمە دەيسىز؟
- بوپتۇ، ساڭا ئۆزۈم بەرگەن بولاي.
- رەھمەت بوۋا، رەھمەت! ئەمىسە مەن قايتاي.
- ماقۇل، خەير ئوغلۇم.
دوڭ رۈي ئېتىز- ئېرىق بويلىرىدىن يۈگۈرۈپ مەھەللىگە كەلدى. چۈنكى ئۇ خېلىلا يېنىكلەپ قالغانىدى، ئۆيىگىمۇ خۇشال كىرىپ كەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى