قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەقلىيە سۆزلەر

2018-01-03 17:44:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲ تىلنىڭ ئۇستىخىنى يوق. ئۇنى قاياققا بۇرۇسىڭىز شۇ ياقنىڭ گېپىنى قىلىدۇ. لېكىن، رىئاللىقتا، چوقۇم تىلنى باشقۇرۇش كېرەك.
▲ ئاغزىڭغا كەلگەننى سۆزلەۋەرمە، تىلىڭنى يىغىپ تۇر، بولمىسا ئۇ بېشىڭغا چىقىدۇ.
▲ ئاغزى بوش ئادەمنى ئەقىللىق دېگىلى بولمايدۇ. كىشىنى تىل بىلەن ئازابلىما. شۇنى بىلگىنكى، ئوق يارىسى ساقىيىدۇ، تىل يارىسى ساقايمايدۇ.
▲ كىشىگە ھەر ئىش كەلسە، تىلىدىن كېلىدۇ، كىمنىڭ ياخشى، كىمنىڭ ئەسكىلىكى تىلىدىن مەلۇم بولىدۇ. بۇ سۆزنى ئاڭلىغىن ۋە شۇنىڭغا ئىشەنگىنكى، تەن تىلغا يۈكۈنۈپ يالۋۇرىدۇ.
▲ راستچىل بول، راستچىل ئاتال، كىشلەر سېنى راستچىل ئادەم دەپ بىلسۇن، ئەگرىلىكنى قويۇپ، راستچىللىق تونىنى كەي.
▲ سىرىڭنى چىڭ ساقلا، كىشىلەر بىلمىسۇن، سۆزۈڭدىن ئۆزۈڭگە ئۆكۈنۈش كەلمىسۇن. سىرىڭ ئاشكارىلىنىپ، كىشلەر سېنى مەسخىرە قىلمىسۇن.
▲ دوستۇم دەپ ئىشىنىپ سىرىڭنى ئېيىتما، ھەزەر ئەيلە، ھەر قانچە ئىشەنچلىك، يېقىن دوستۇڭ بولسىمۇ، ئۆزۈڭ ساقلىيالمىغان سىرىڭنى، دوستۇڭ ساقلىيالارمۇ؟ بۇنى ياخشى ئويلان. كىشىنىڭ يۈزىنى ئوتقا ئاتقۇچى تىلدۇر، تىلىڭنى يىغ، ئوتتىن يۈزۈڭنى تارت.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى