قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەميانىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان باج ئىسلاھاتلىرى

2018-01-03 17:49:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇھىت ئاسراش بېجى: 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىقلار مۇھىتنى بۇلغاش بېجى تاپشۇرىدۇ.
2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى» رەسىمىي يولغا قويۇلۇپ، دۆلىتىمىز يېڭى باج تۈرى-مۇھىت ئاسراش بېجى ئېلىنىدۇ. بۇلغىما (چىقىرىش) ھەققى ئېلىش تارىخقا ئايلىنىدۇ.
 قوشۇلما قىممەت بېجى: پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بۇ يىلدىن باشلاپ باج تەننەرخنى ئويلىشىشى كېرەك. مەبلەغ باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنى باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ يىلدىن باشلاپ قوشۇلما قىممەت بېجىنى ئويلىشىشى كېرەك.
2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، مەبلەغ باشقۇرۇش مەھسۇلاتىنى باشقۇرغۇچىلار مەبلەغ باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى باشقۇرۇش تىجارەت كەسپىدىن ئالغان پايدىسىدىن %3 لىك باج ئېلىش نىسبىتى بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدۇ.
ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش بېجى: ئەسلىدىكى %10 ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش بېجى ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ 1.6 لېتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن گاز چىقىرىش مىقدارىلىق ئاپتوموبىل سېتىۋالسا، 2017- يىلىدىكى %7.5 لىك باج نىسبىتى بويىچە ئاپتوموبىل سېتىۋىلىش بېجى ئېلىشتىن قانۇندا بەلگىلەنگەن %10 لىك باج نىسبىتى بويىچە باج ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
تاموژنا بېجى: قىسمەن ئېمپورت يىمەكلىكلىرى، ساغلاملىق بويۇملىرى، دورا قاتارلىقلاردىن ئىستېمال بېجى ئېلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ.
2017- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قىسمەن ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى ئېمپورت بېجى تۆۋەنلىتىلىپ، ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى %17.3 تىن %7.7 تۆۋەنلىتىلدى. بۇ يىمەكلىك، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، دورا مەھسۇلاتلىرى، كۈندىلىك بويۇملار، كىيىم- كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر قاتارلىق تۈرلۈك ئىستېمال بويۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2018- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ پولات ماتېرىيالىرى، خىلورت قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئىكىسپورت بېجى ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ ھەم ئۈچ ئېلېمىنتلىق بىرىكمە ئوغۇت، ئاپاتىت، كۆمۈر يېغى، ياغاچ پارچىسى، كېرىمنىي خروملۇق تۆمۈر، پىلتە پولات قاتارلىق مەھسۇلاتلاردىن ئىكىسپورت بېجى ئېلىش مۇۋاپىق دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ.
 
 سۇ بايلىقى بېجى: باج ئېلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە يېڭىدىن بېيجىڭ قاتارلىق توققۇز جاي قوشۇلدى.
2017- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى، خېنەن، شەندۇڭ، سىچۈەن، نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى، شەنشىدىن ئىبارەت توققۇز ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەردە سۇ بايلىقى بېجى ئېلىنىدۇ. بۇ 2016- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ خېبېي ئۆلكىسىدە ئالدى بىلەن سىناق نۇقتىسى قىلىنغاندىن كېيىن بۇ دۆلىتىمىزنىڭ سۇ بايلىقى بېجى ئىسلاھاتىدا ئېلىنغان يەنە بىر ھالقىلىق قەدەم ھىسابلىنىدۇ.
 
 يەرلىك باج: باج قانۇنى تۈزۈمى رامكىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېزلىتىلىدۇ.
2017- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31- قېتىملىق يىغىنىدا كۆك تاماكا بېجى قانۇنى بىلەن كېمە- پاراخوت تونناژ بېجى قانۇنىنى ئاۋاز بېرىپ ماقۇللاندى. 2018- يىلى 7- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ۋاقىتلىق نىزامدىن قانۇن دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بۇ ئىككى باج قانۇنى دۆلىتىمىزنىڭ باجنى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پۇختا قەدەم ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا 2018- يىلى دۆلىتىمىزنىڭ باجنى قانۇندا بەلگىلەش جەريانىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن تېزلىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى