قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«دوستلۇق» ھەققىدە ئېيتىلغان ھېكمەتلەر

2018-01-03 17:53:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

■ دوستلۇق- ھاياتتىكى ئەڭ زۆرۈر نەرسە، ئۆمۈر راھەت- پاراغەتتە ئۆتمىسىمۇ مەيلى، ئەمما ھېچكىم ھاياتىنى دوستسىز ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدۇ.
■ ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە-- باشقىلار بىلەن بولغان دوستلۇقتۇر.
■ دۇنيادىكى ھەممە ئىززەت-- ئىكراملار ياخشى دوستنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
■ ياخشى دوست-- تۈگىمەس خەزىنە.
■ بىلگىنكى، دوستلۇق سەۋەبىدىن ئادەملەر بەختىياردۇر.
■ دوست دەپ ئىشىنىپ يۈرگەن ئادىمىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن ئېغىرراق ئازاب يوق.
■ كىمكى نۇقسانسىز دوست ئىزدىسە، دوستسىز قالىدۇ.
■ ھەقىقىي دوست بەخىتسىزلىكتە سىنىلىدۇ.
■ دوستلار ياخشى كۈنلەردە تەكلىپ بىلەن، يامان كۈنلەردە تەكلىپسىز، ئۆزلۈكىدىن قەدەم تەشرىپ قىلىشى كېرەك.
■ دوست-- دوستقا شۇنداق ئەينەككى، سۈزۈكلۈكىدە ھېچ نەرسە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى