قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھەمكارلىق روھى بىزنى ئالغا باستۇرىدۇ

2018-01-04 13:05:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

رىتىمى ئۇچقاندەك تېزلىشىۋاتقان بىلىم ئىگىلىكى دەۋرى شەخسنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارى بولۇشىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ئۆزئارا ھەمكارلىق روھىنى يېتىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. كەلگۈسىدە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغانلار كىملەر؟ ئۇ دەل باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا ماھىر ئادەملەردۇر.
دېلفىنلار ئوزۇقلۇق ئىزدىگەندە كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىدىكەن. دېلفىنلار ھېچبىر كۈچىمەيلا سۇ يۈزىگە سەكرەپ چىقالايدىغان بولۇپ، توپنىڭ ئالدىدا ماڭغان دېلفىن سۇ يۈزىگە بىرنەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە سەكرەپ چىقىپ دېڭىز قۇشلىرىنىڭ نەدىلىكىنى ۋە قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈۋالغاندىن كېيىن دەرھال باشقا دېلفىنلارنى شۇ تەرەپكە باشلاپ ماڭىدىكەن. دېڭىز قۇشلىرى بېلىقنى ئۆزىگە ئوزۇق قىلىدىغان بولۇپ، ھەمىشە بېلىقلارنىڭ كەينىدىلا يۈرىدىكەن، شۇڭلاشقا دېلفىنلار دېڭىز قۇشلىرىنىڭ قاياققا ئۇچۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋالسىلا بېلىقلار بار جاينى تېپىپ ئوزۇقلىنالايدىكەن. ئارىمىزدا مەيلى سودا ساھەسىدە بولسۇن، ئۆگىنىش ۋە باشقا قاتلاملاردا بولسۇن ھەمكارلىشىشقا ماھىر كارخانىچىلىرىمىز ۋە ماس ساھەلەردىكى كىشىلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۇلار ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن «بىردىن ئىككى ياخشى» دېگەننى ئۆز ئەمەلىيىتىگە جانلىق تەتبىقلىيالىغانلاردۇر.بىر ئادەمنىڭ قابىلىيىتى ھەرقانچە يۇقىرى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھامان چەكلىك بولىدۇ. پەقەت كوللېكتىپنىڭ ئارىسىدىلا شەخسنىڭ قابىلىيىتى ئەڭ يۇقىرى چەكتە نامايان بولىدۇ ھەم ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، ئۇتۇق قازانغان شەخسلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يۈكسەك ھەمكارلىق روھىغا ئىگە بولغاچقىلا، كىشىنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرىدىغان زور نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ تارىخ بەتلىرىدىن ئورۇن ئالالىغان. كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەيلى قايسى ساھەدە، قايسى كەسىپتە بولسۇن، ئۆزئارا ھەمكارلىق، ئىتتىپاقلىق روھىنى يېتىلدۈرگەن ۋە ئۇنى جانلىق ئىشلىتەلىگەن كىشىلا ئۆز ساھەسىنىڭ داغدام يول خېتىگە ئېرىشەلەيدۇ. چۈنكى ھەمكارلىق روھى بىزنى تېخىمۇ ئالغا باستۇرىدۇ

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى