قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىلىۋېلىڭ

2018-01-04 13:35:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇنداق تۆت نەرسە كۆڭۈلدىكى ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇلار: غەيرەت، شىجائەت، ئىرادە، ھىممەت.
مۇنداق تۆت نەرسە تەدبىرلىكنىڭ بەلگىسى: دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى سەۋر-تاقەت ۋە تەدبىر بىلەن يېڭىش،ئىسراپچىلىققا يول قويماسلىق، دوستلارنىڭ نەسىھەت ۋە مەسلىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك.
مۇنداق تۆت نەرسە پۇشايمان بىلەن نەتىجىلىنىدۇ. قولىدىن كەلمەيدىغان ئىشقا ئۇرۇنۇش، ھۇرۇنلۇق،ئالدىراڭغۇلۇق، دوستلارنىڭ نەسىھەت ۋە مەسلىھەتىگە كىرمەسلىك.
مۇنداق تۆت نەرسىدىن ئۆزىنى تارتىشى كېرەك: قەھر-غەزەپتىن، ماختانچاقلىقتىن، ئىچى تارلىقتىن، تەمەخورلۇقتىن.
مۇنداق تۆت نەرسە مۇنۇ كىشىلەردە بولمايدۇ: يالغانچىدا-ئادالەت، بېخىلدا-سائادەت، ھەسەتخوردا-راھەت،ئۇرۇشقاقتا-شەرم-ھايا.
 مۇنداق تۆت خىل نەرسە ۋەيران بولۇشنىڭ بەلگىسى-ئاداۋەت، ھەسەتخورلۇق، غەيۋەت، خىيانەت.
 يەنە مۇنداق تۆت خىل نەرسە مۇنداق تۆت خىل نەرسە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: يالغانچىلىق رەسۋالىق بىلەن، غەزەپ پۇشايمان بىلەن، قوپال سۆز كۆڭۈلسىزلىك بىلەن، ھۇرۇنلۇق خارىزارلىق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
 مۇنداق تۆت نەرسە ئادەمنىڭ ئابرۇيىنى تۆكىدۇ: خۇشامەتچىلىك، ئاچ كۆزلۈك، سىر ساقلىيالماسلىق،چېچىلاڭغۇلۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى