قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خانىم - قىزلىرىمىز تويدىن كېيىن دۇچ كېلىدىغان بەزىبىر مەسىلىلەر ھەققىدە

2018-01-04 13:09:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەي قىزىم، بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ قولىمىزدىن كەتتىڭىز. باشقا بىر ئادەمگە يارۇ ھەمراھ بولدىڭىز. سىز ئۈچۈن بەخت-ئامەت تىلىگۈچى ئانىڭىز تەرىپىدىن سۆزلەنگەن ئۇشبۇ نەسىھەتلەرنى ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇتقايسىز ۋە مۇمكىن بولغاندا پايدىلىنارسىز.
قىزىم، ئېرىڭىز ئەمدى سىزگە ھەمراھ، قايغۇدا بىللە قايغۇرغۇچى، شادلىقتا بىللە شادلانغۇچى ھەمراھ بولۇش ئۈمىدى بىلەن سىزنى قۇبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ئەسلا يەردە قويمىغايسىز، ئۇ ھەر ۋاقىت سىزدىن رازى بولۇپ ياشىسۇن.
قىزىم، پات ئارىدا ئائىلە قۇرۇشقا كىرىشىسىز، ئائىلە قۇرۇشتا ئېتىبارغا ئېلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەر بار. ئېرىڭىزنىڭ يېقىنلىرىنى، بولۇپمۇ قېينانىڭىز، قېيناتىڭىزنى ھۆرمەت قىلىڭ. ئۇلارنى ئۆز ئانىڭىز، ئۆز ئاتىڭىزدەك كۆرۈڭ، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى تۇغقانلىرىڭىز ھېسابلاڭ، قېينانا- قېيناتىڭىزنىڭ نەسىھەتلىرىگە ئەمەل قىلىڭ.  يېڭى تۇغقانلىرىڭىزنىڭ مىجەز- خۇلقىنى بىلىۋالغايسىز ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇئامىلە قىلغايسىز، ئۇلار بىلەن يامانلىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ، چۈنكى بۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېرىڭىزنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ. سىزدىن ئۆتسە يېقىنلىرىڭىزنىڭ كۆڭلىدە قالار، ئۇلاردىن ئۆتسە سىزدىن قىزغىنار. بۇنىڭ قايغۇسى بىلەن ئېرىڭىز تاماقتىن قالار ۋە ئاخىر كېسەل بولۇپ قالار. ئەرلەر ئۆز كەسپىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن كۆڭلىنىڭ شاد، تىنىچ بولۇشىغا مۇھتاج. ئائىلىدە ئازىراق قايغۇ بولسا، ئۇلارنىڭ كەسپىگە تەسىر يېتىدۇ.
قىزىم، ئېرىڭىزدىن ھېچقانداق سىرىڭىزنى يوشۇرماڭ. ئېرىڭىزدىن باشقا بىرىگە سىر ئېيتماڭ. باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئېرىڭىزگە قارشى گەپ قىلماڭ، چىرايىڭىزنى تۈرمەڭ. ئەرلەر خوتۇنى تەرىپىدىن بولغان ئەڭ زور كەمچىلىكلەرنى كەچۈرەلەيدۇ. ئەمما باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئازىراقلا نەرسىنىمۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ تەبىئىتىگە خىلاپ ئىشتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ھەقتە ئۇلار ئەيىبلىك ئەمەس. ئەگەر يارىماس ئادىتى بولسا، ئۇنى تۈزۈتۈش ئۈچۈن كۆڭلىنى ئاغرىتماستىن ئىش تۇتۇڭ. قىزىم، ئېرىڭىز ياقتۇرمىغان ئىشلاردىن، كۆڭلىگە كېلىدىغان ئادەتلەردىن يىراق بولۇڭ. ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلماڭ. ئېرىڭىزنىڭ مېلىنى ئاسىراپ تۇتۇڭ، ئىسراپ قىلماڭ.
قىزىم، ئۆيىڭىز رەتلىك، ھەر نەرسە ئۆز جايىدا بولسۇن، بالىلىرىڭىزنى ئېرىڭىزگە ئامراق، ئېرىڭىزنى بالىلىرىڭىزغا كۆيۈمچان قىلىشقا تىرىشىڭ. ئاتىلارنىڭ بالىلار بىلەن ئۆزىنى خۇش قىلىشى ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. بالىلىرىنى سۆيىدىغان ئەرلەر كۆپ ھاللاردا ئىنساپلىق بولىدۇ ۋە بالىلىرى بىلەن ئۆزىنى خۇشال قىلىپ باشقا مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرگە كۆز سالمايدۇ.
قىزىم، بۇ ئېيتقان سۆزلىرىمنى بەجا كەلتۈرۈش ئەقىللىق، تەدبىرلىك ئاياللار ئۈچۈن ئېغىر ئىش ئەمەس. ئەقىللىق ئاياللار كۈچلۈكلەر كۈچى بىلەنمۇ قىلالمىغان ئىشلارنى ئۆز ئەقلىگە تايىنىپ قىلالايدۇ. قىزىم، بەزى ۋاقىتتا ئەرلەر ئاياللىرىغا نىسبەتەن تۆۋەن كۆرۈش خاھىشىدا بولىدۇ. دەل شۇ چاغدا مۇشۇ ۋاقىتنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇنىڭ ئەيىبلىرى ھەققىدە ئازىراق سۆزلەڭ.
قىزىم، ئائىلە ھەرۋاقىت نېمەت ئەمەس، بەزى چاغلاردا زەھىرى، تىكىنى بولىدۇ. ئېرىڭىز بىلەن ئاراڭلارغا سوغوقچىلىق چۈشسە، ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن سۆزلەڭ، قىزىرىشماڭ؛ چىرايىڭىزنى ۋە ئاۋازىڭىزنى ئۆزگەرتمەڭ، ھۆرمەت قىلىڭ، ئۇ ھەر قانچە ئاچچىقلانسىمۇ قارشى سۆز قىلماڭ. ئەڭ ياخشى ئايال ئەرنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇپ، ئاچچىقىغا ھاي بەرگەن ئايالدۇر. قىزىم، بالىڭىز تۇغۇلغاندا ئۇلارنىڭ تېنىنى ئاسراڭ، مەكتەپكە بارغۇچە ئەقلىي جەھەتتىن تەربىيە قىلىڭ، ياخشى قىلىقلارغا ئادەتلەندۈرۈڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى