قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەت ئۇنچىلىرى

2018-01-05 17:09:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۆزىنى ئۆزى ماختايدىغان ئادەملەرنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ھاڭ- تاڭ قالماي، يېرىم چېلەك سۇنىڭ بىر چېلەك سۇغا قارىغاندا نېمە ئۈچۈن بەكرەك شالاقشىيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرسىڭىزلا، ئۇ ئادەمنى ئاز- تولا بولسىمۇ چۈشىنىپ قالىسىز.
ئاتا- ئانىلارنىڭ كۈندىن- كۈنگە مۈكچىيىۋاتقان بەللىرى، ئاقىرىۋاتقان چاچ- ساقاللىرى، يۈز، بويۇنلىرىدا پەيدا بولۇۋاتقان قورۇقلار ـــ پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ياراملىق ئادەملەردىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن تۆلەۋاتقان بەدەللىرىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمى.
قايسى ئىشنىڭ مۇھىم، قايسىسىنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغان ئادەم ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مىدىرلىسىمۇ، بىرەر ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ.
ئۆزىگە ئۆزى تەلەپ قويمايدىغان كىشىنى ھەر قانچە قابىلىيەتلىك يېتەكچى تەربىيىلىسىمۇ، ئۇ يەنىلا تەلەپكە لايىق ئادەم بولۇپ چىقالمايدۇ.
قىممىتىڭنى قەدىرلەيمەن دېسەڭ، دۇنياغا قىممەت يارىتىپ بېرىشىڭ كېرەك.
بىلمەسلىك ئانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس. ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەممىنى بىلىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. بىراق بىلمەي تۇرۇپ، بىلىدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش ئەڭ قورقۇنۇچلۇق.
سىز ئۆزىڭىز بىلەن بىللە كۈلگەن ئادەمنى ئۇنتۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئۆزىڭىز بىلەن بىللە يىغلىغان ئادەمنى ئەبەدىي ئۇنتۇيالمايسىز.
ھەممە ئادەمدە ئاجىزلىق بولىدۇ. كىمكى كەمچىلىكى يوق دوست تاپىمەن دەيدىكەن، بۇ مۇمكىن ئەمەس، گەرچە خاتالىقىمىز بولسىمۇ ئۆزىمىزنى سۆيىمىز، شۇڭا دوستلارغىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن كۆيۈنۈشىمىز لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى