قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھاجەتخانا ئىنقىلابى قىلىش كېرەك

2018-01-05 17:24:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھاجەتخانا ئىنقىلابى قىلىش كېرەك». ئاپتونوم رايون 2015- يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى ئاساسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى سۈپىتىدە تۇتۇپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايون 2015- يىلى ۋە 2016- يىلى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىگە مەلۇم قىلغان يېڭىدىن سېلىنىدىغان ھاجەتخانا 160 ۋە 187 ئىدى، ئەمەلىيەتتە ئىككى يىلدا جەمئىي 543 ھاجەتخانا سالغان، ئۆزگەرتىپ سالغان ۋە كېڭەيتىپ سالغان بولۇپ، قۇرۇلۇش سېلىنمىسى تەخمىنەن 280 مىليون يۈەن بولدى. بۇ قېتىمقى «ساياھەت ۋە تۇرمۇش» سەھىپىمىزدە «شىنجاڭدا ھاجاتخانا ئىنقىلابى داۋاملاشماقتا» ماۋۇزلۇق ماقالىنى بىرلىكتە ئاڭلاپ باقايلى.
قاراماي شەھىرىنىڭ بىڭخې شىمالىي يولىدىكى كۈمۈش رەڭلىك ئۈچ سىلىندىرسىمان ئىمارەتنى دەسلەپ كۆرگىنىڭىزدە قەھۋەخانىمىكىن، دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، لېكىن ئىشىك بېشىغا يېزىلغان خەت ۋە بەلگىلەردىن بۇ ئىمارەتنىڭ ھاجەتخانا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز. ئىشىككە ھاجەتخانىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈشلەرمۇ يېزىلغان. ئىچىگە كىرىپ قارىسىڭىز، يەر پاكىز تازىلانغان، رەتلىك بولۇپ، ھېچقانداق غەيرىي پۇراق يوق، مېيىپلەر مەخسۇس ئىشلىتىدىغان تەرەت قاچىسى ئورنىتىلغان، ئىككى يېنىغا تۇتقۇچ بېكىتىلگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تەرەپكە جىددىي ئەھۋالدا ئىشلىتىدىغان سىگنال كۇنۇپكىسى بېكىتىلگەن، ھاجەتخانىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە تازىلىق قەغىزى قويۇلغان، يەنە بىر قانچە يان تېلىفوننى زەرەتلەش قۇرۇلمىسىمۇ ئورنىتىلغان. تاشقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، لايىھەسى كۆركەم، بېزىلىشى نەپىس، ئىچىدە غەيرىي پۇراق يوق، ئازادە ۋە يورۇق، پاكىز- رەتلىك بولغان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ساياھەت ھاجەتخانىسى قاراماي شەھىرىدە خېلى كۆپ.
بۇنداق ھاجەتخانىلارنى كۆرگەن كىشىنىڭ نەزەر دائىرىسى ئېچىلىدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا شىنجاڭدىكى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدىكى 3- تازىلىق ئۆيىنىڭ قويۇق ئىنسانىي لايىھەسىدىن ساياھەتچىلەر ئىللىقلىق ھېس قىلىدۇ. 3-تازىلىق ئۆيى ھاجەتخانا ئىچىگە ياسالغان بولۇپ، ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار ياكى ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغانلارنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بولۇپمۇ يات جىنسلىقلار)ئىشلىتىدىغان تازىلىق ئۆيىدۇر. تازىلىق ئۆيىگە مېيىپلەر ئىشلىتىدىغان تەرەت قاچىسى، تۇتقۇچ، بالىلار قول يۇيۇش جاۋۇرى، بوۋاقلارنى ياتقۇزۇپ كىيىندۈرۈش سۇپىسى، كىيىم ئاسقۇچ، كىچىك ئورۇندۇق قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئورنىتىلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
تۇرپان بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدىكى ھاجەتخانىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى چۈنجىگە ئوخشايدۇ، ئىچى ئازادە ۋە يورۇق.
بۇيلۇق مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خۇا چاڭچىڭ مۇنداق دېدى: بۇ ھاجەتخانىلار كۆركەم، ئىشلىتىشچان بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەنزىرە رايونىدىكى ئەڭ مەنزىرىلىك جاي. كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇيلۇق مەنزىرە رايونى ساياھەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، بولۇپمۇ ھەربىر ئاممىۋى ھاجەتخانىغا ئاز دېگەندە بىردىن مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ، ئەتىگەن سائەت 8دىن كەچ سائەت 9غىچە داۋاملىق تەكشۈرۈپ، تازىلاپ، ھاجەتخانىنىڭ پاكىز، قولايلىق، ئازادە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
ھاجەتخانا ئاددىي بىر ئۆيدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئۇ ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. 2015- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ساياھەتچىلىك سىستېمىسىنىڭ «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»نى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك ساياھەت تارماقلىرى ۋە A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى باشلامچىلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۆلچەملىك ھاجەتخانىلارنى سالدى. ھازىر ساياھەت ھاجەتخانىسى شىنجاڭدىكى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرى ۋە مۇھىم مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قاپلىدى، جايلارنىڭ ساياھەت ھاجەتخانىسىنى قوغداش، باشقۇرۇش خىزمىتى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەت ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى.
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شياۋ خۇڭگاڭ ساياھەت ھەۋەسكارى بولۇپ، ھەپتە ئاخىرىدا دائىم دوستلىرى بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەتكە چىقىدۇ. ساياھەت ھاجەتخانىسىنىڭ يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشىگە قارىتا ئۇنىڭ تەسىراتى ناھايىتى چوڭقۇر.
شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، شەھەر بىلەن شەھەر، مەنزىرە رايونى بىلەن مەنزىرە رايونى ئارىسىدىكى ئارىلىق يىراق بولۇپ، مەنزىرە رايونلىرى تارقاق، يولى يىراق بولۇش شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى. بىر مەنزىرە رايونىدىن يەنە بىر مەنزىرە رايونىغا بېرىش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزاق بولۇپ، ھاجەتخانىغا كىرىش سەپەردىكى چوڭ مەسىلە بولۇپ قالدى.
دەرۋەقە، ئاۋام ئىستىراھەت ساياھىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەت پائالىيىتى مەركەزلىك مەنزىرە رايونلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بولدى، ئەتراپتىكى يېزا- كەنتلەردە غىزالىنىش، قونالغۇلاردا قونۇپ قېلىش، مېۋە ئۈزۈپ يېيىش، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلار ساياھەتتىكى مۇھىم مەزمۇنغا ئايلاندى. مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى يېزا- كەنتلەرنىڭ ساياھەت ھاجەتخانىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساياھەت تارماقلىرى 2010- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ يىل يىلىغا 10 مىليون يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ ھاجەتخانا قۇرۇلۇشىغا ئاجراتتى، ھەر يىلى 10 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، مەخسۇس سەھرا ئارامگاھى ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى يېزا- كەنت ساياھەت ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.
قاراماي شەھىرى «مەنزىرە شەھەر بىر گەۋدىلەشكەن» پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، شەھەرنى ئەڭ چوڭ مەنزىرە رايونى قىلىپ قۇرۇپ، ساياھەت ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلەتتى. شەھەر ئىچىدىكى بارلىق ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ئۇل ئەسلىھە نۇقتىلىرىدىكى 200 دىن ئارتۇق ساياھەت ھاجەتخانىسى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى. 2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە يەنە يېڭىدىن 135 ساياھەت ھاجەتخانىسى سېلىنىپ، شەھەر رايونى، شەھەر رايونىدىن مەنزىرە رايونىغا ماڭىدىغان يوللار، مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىدىكى ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ساياھەتچىلەر ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
كۆپ يىللىق قۇرۇلۇش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپلا قالماستىن، يەنە ئىلگىرىكى كونا ھاجەتخانىدىن سۇلۇق ھاجەتخانىغا يەنى ئۆلچەملىك ھاجەتخانىغا ئۆزگىرىشتەك جەرياننى باشتىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭدا ساياھەت ھاجەتخانىلىرى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماستىن، يەنە شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئوبرازىنىڭ ئۆزگىرىشىدە ناھايىتى زور رول ئوينىدى.
ئەمەلىيەتتە، قاراماي شەھىرىگە ئوخشاش يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ساياھەت ھاجەتخانىسىنى ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ ۋە يېڭىدىن قۇرۇپ، ئۆلچەملىك ساياھەت ھاجەتخانىسىنى شەھەر مەنزىرىسى قىلغان شەھەرلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ساياھەت ھاجەتخانىسىنى سېلىش تەس ئەمەس، تەس يېرى ئۇزاققىچە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپ قىسىم ساياھەت ھاجەتخانىلىرىدا قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، باشقۇرۇشقا سەل قاراش، قاتتىق ماتېرىيالغا ئەھمىيەت بېرىپ، يۇمشاق ماتېرىيالغا سەل قاراشتەك مەسىلىلەر مەۋجۇت، جايلارنىڭ قۇرۇش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە ئىزدىنىشى يېتەرلىك ئەمەس، ھاجەتخانا باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىزدىنىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر.
«ھاجەتخانا ئىنقىلابى» قىلىشتىن مەقسەت چىرايلىق كۆرۈنۈش ئەمەس، مۇھىمى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى ساياھەت ھاجەتخانىسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرگەندىن باشقا، يەنە جايلاردىن «سودا ئارقىلىق ھاجەتخانىنى بېقىش» ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى بىلەن دۇكان تىجارىتى، سودا ئېلانى قويۇش قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى مەبلەغنى ساياھەت ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشىغا سېلىشقا يېتەكلەپ، ھاجەتخانا بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتتى.
بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭدا ساياھەت ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، 3A دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى بىلەن يېزا- كەنت ساياھەت قىزىق نۇقتا رايونلىرىنىڭ ھاجەتخانا قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. ئەمما مالىيە ياردىمىگىلا تايىنىش پۈتۈن رايوندىكى ساياھەت ھاجەتخانىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمايدۇ، ھاجەتخانا بايلىقىنى كېڭەيتىپ، ھاجەتخانىنى ئورتاق قۇرۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش كەلگۈسىدىكى يۆنىلىش بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئاممىۋى سورۇنلارغا يېقىن تېخىمۇ كۆپ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانسارايلارنىڭ ئىچىدىكى ھاجەتخانىلارنى سىرتقا ئېچىۋېتىپ، ھاجەتخانا بايلىقىدىن جەمئىيەت تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىقلار.
ھاجەتخانا مەسىلىسى ساياھەت مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا، ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ھاجەتخانىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا پۈتكۈل جەمئىيەت ئەھمىيەت بېرىشى زۆرۈر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتى قاتناش، سودا تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن پائال بىرلىشىپ، ساياھەت ھاجەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، تىجارىتى، قوغداش ۋە باشقۇرۇشنى ئورتاق كۈچەيتىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى