قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كارنىگنىڭ ئۇستىلىق بىلەن سودىلىشىش

2018-01-05 18:06:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاڭ شياۋ يىڭ

دالى كارنىگ 20- ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ پاراپىسىخولوگىيە يېتەكچىسى ۋە مۇۋاپىقىيەتشۇناسلىق ئۇستازى. 1935- يىلى كارنىگ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بىر مېھمانخانىنىڭ چوڭ زالىنى دەرس سۆزلەش ئۈچۈن ئىجارىگە ئالىدۇ. دەرس باشلىنىش ئالدىدا مېھمانساراينىڭ دىرېكتورى ئۇشتۇمتۇت ئىجارە ھەققىنى ئۈچ ھەسسە ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ. كارنىگنىڭ ياردەمچىسى خاپا بولغان ھالدا دېرىكتورغا:
-بۇ نېمە دېگىنىڭىز، ھەممە ئىشنى تەقلەپ بولغاندا باھانى ئۆستۈرمەكچىمۇ سىز؟ يامان قارا نىيەتكەنسىز، بىز بۇنىڭغا قوشۇلمايمىز-، دەيدۇ. ھېلىقى دېرىكتورمۇ ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ:
- مەن دېگەن دېرىكتور، باھانى ئۆستۈرۈشكە ھەقلىقمەن، سىلەر ئىجارە ئالالمىساڭلار قايتۇرۇۋېتىڭلار، -دەيدۇ.
 ئەينى چاغدا كارنىگ دەرسنىڭ ئاخىرقى تەييارلىقنى قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋاراڭ- چۇرۇڭنى ئاڭلاپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن چىققان ئىدى. ئەسلىدە يەنە بىر چوڭ شىركەتمۇ بۇ يېغىن زالىنى ئىجارە ئالماقچى بولغان ھەم كارنىگلارغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ ئىجارە ھەققى تۆلىمەكچى بولغان، دېرىكتورى مەنپەئەت قوغلىشىپ، كارنىگلارنى ئەسلى باھانىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە ئىجارە تۆلەش ياكى قايتۇرۇشقا قىستاشنىڭ سەۋەبىنى ئۇققاندىن كېيىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
-دېرىكتور. مېنىڭچە سىز ناھايىتى توغرا قىلدىڭىز، مېھمانساراينى كۆپرەك پايدىغا ئېرىشتۈرۈش سىزنىڭ بۇرچىڭىز ۋە مەسۇلىيىتىڭىز، ناۋادا مەن بولساممۇ سىزگە ئوخشاش قارار چىقارغان بولاتتىم، -دەيدۇ.
 دىرېكتور كۆرەڭلىگەن ھالدا:
- يەنىلا كارنىگ ئەپەندى ئىشنىڭ يولىنى بىلىدۇ. ئۇنداقتا سىز يېغىن زالىنى قايتۇرۇشقا قوشۇلدىڭىزمۇ؟- دەپ سورايدۇ.
كارنىگ:
-بىراق ئالدىغان پايدىغا كەلسەك، مەن سىزگە بىر ھېساب قىلىپ بېرەي. بىز قايتۇرۋەتسەك، ھېلىقى شىركەت ئىككى ھەسسە باھادا ئىجارىگە ئالىدۇ، سارايمۇ ھەقىقەتەن خېلى كۆپ پۇل تاپىدۇ، لېكىن بۇ كۆز ئالدىمىزدىكى ۋاقىتلىق مەنپەئەت، مەن بۇ يەردىن كەتسەم باشقا جايدىن ناھايىتى تېزلا يېغىن زالىنى ئىجارە ئالالايمەن. مەسىلە شۇكى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن يەنە سىزنىڭ يېغىن زالىڭىزنى ئىجارىگە ئالارمەنمۇ؟ ھېلىقى چوڭ شىركەت سىزنىڭچە يەنە داۋاملىق ئىككى ھەسسە باھادا يېغىن زالىڭلارنى ئىجارىگە ئالارمۇ؟ -دەيدۇ.
 بۇنىڭ بىلەن دىرېكتور سەل ئىككىلىنىپ قالىدۇ. كارنىگ بولسا كۈلۈپ قويۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرىدۇ:
-يەنە تېخى مېنىڭ لېكسىيەنى ئاڭلاشقا مىڭغا يېقىن ئوتتۇرا قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىلار تىزىملاتتى، سىز مېنى قوغلىۋەتكەندىن كېيىن، بۇ باشقۇرغۇچىلار سىلەرگە قانداق قاراشتا بولار؟ ئەمەلىيەتتە سىز ئون مىڭ دوللار خەجلەپ ئېلان بەرسىڭىزمۇ بۇنچىلىك ئادەمنى مېھمانخانىڭىزغا تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلەلمەيسىز.  شۇڭا، مېنىڭچە ھازىرقى ئەڭ تەخىرسىز ئىش تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ، مىڭغا يېقىن كېلىش ئالدىدىكى مېھمانلارنى ياخشى كۈتۈۋېلىش، مېھمانخانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەقىقىي كىرىم مەنبەسى ئىككى ھەسسە باھادا يېغىن زالىنى ئىجارە ئالماقچى بولغان ھېلىقى شىركەت ئەمەس، بەلكى دەل مۇشۇ مىڭغا يېقىن باشقۇرغۇچى خادىم.
 دىرېكتور بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىردىنلا ھوشىنى تېپىپ، ھېلىقى چوڭ شىركەتنىڭ ئىجارىگە ئېلىش تەلىپىنى رەت قىلىدۇ، ھەمدە كارنېگنى ئەسلى باھا بويىچە يېغىن زالىنى ئىجارىگە ئېلىپ لېكسىيە سۆزلەشكە ئېلىپ قالىدۇ، ئاخىرىدا كارنېگ ياردەمچىسىگە:
-ھەر قانداق بىر پىكىر ئالماشتۇرۇش قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ، سودىلاشقاندىمۇ شۇنداق،باشقىلارنىڭ قارىشىنى چۈشىنىش، باشقىلارنى ئەيىبلەشكە قارىغاندا تولىمۇ دانالىق ھېسابلىنىدۇ، بۇ نۇقتىنى مەڭگۈ ئېسىڭدىن چىقارما، -دەيدۇ.
 سابىرجان تۇرسۇن تەرجىمىسى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى