قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرۋاتقانلار مۇنداق بىر قانچە ئىشقا دېققەت قىلىش كېرەك

2018-01-08 16:44:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. بىنا ئۆيلەرنىڭ ھاۋاسى بىر خىل قۇرغاق بولىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق قۇرغاق ھاۋادا ياشىغاندا بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىشى مۈمكىن. شۇڭلاشقا، بىنا ئۆيلەردە تۇرۇۋاتقانلار ياتاق ئۆيلىرىگە ئىمكان بار ئوكسىگېن ئىشلەپچىرىدىغان، نەملىكنى ئۇزاق مۇددەت ساقلىيالايدىغان گۈللەرنى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
2. بىنا ئۆيلەرنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق بولغاچقا، ئۇن، گۈرۈچ ۋە يەل- يېمىشلەرگە ئاسانلا قۇرت چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇلارغا دورىلىق قىممىتى يۇقىرى بولغان كاۋاۋىچىننى ئارىلاشتۇرۇپ قويغاندا قۇرت چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزمەي، ئۇزۇن مۇددەت ساقلىغىلى بولىدۇ.
3. بىنا ئۆيلەرنىڭ نەملىكىنى ئاشۇرۇش، ئوكسىگېن مىقدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ياتاق ئۆيلەرگە داس قاتارلىق نەرسىلەرگە سۇ ئېلىپ  قويسا ياخشى بولىدۇ. سۇنى ئاز دېگەندىمۇ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك.
4. بىنا ئۆيلەرنى ھەر خىل ماتېرىياللار بىلەن زىننەتلەيمىز، بۇ ماتېرىياللارنىڭ پۇرىقى ئۇزاق مەزگىل ساقلىنىپ ئاسانلىقچە يوقىمايدۇ. بۇنداق غەيرىي پۇراقلار ئۇزاق مۇددەت ئۆي ئىچىدە ساقلانسا ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا، ئىشكاپلارنىڭ ئىچىگە، ئاسان كۆزگە چېلىقمايدىغان ئورۇنلارغا كاۋاۋىچىن قويۇپ قويساق پۇراق تېز يوقايدۇ.
5. بىنا ئۆيلەردە گۈللەرگە ھەر كۈنلۈكى سۇ قۇيۇۋەرگەچكە گۈل تەشتىكىدە كۆك رەڭلىك بىر خىل زەيكەشلىك ھەم غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا قارىتا گۈل تەشتىكىنىڭ توپىسىنى بوشىتىپ تەشتەكنىڭ تېگىنى شامالدىتىش لازىم. ئىككى- ئۈچ ھەپتىدە بىر قېتىم تەكرارلاپ بەرگەندە غەيرىي پۇراق تەلتۆكۈس يوقايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى