قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى بىلسىڭىز خۇشال ياشىيالايسىز

2018-01-08 18:48:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن خۇشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ.
ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق بولمىغان كوچا دوقمۇشىدا بىر كىچىك كۆكتات بازىرى بار، يېشى 60 قا يېقىنلىشىپ قالغان بىر ئادەم ھەر كۈنى شۇ يەردە كۆكتات ساتىدۇ، خېلىدىن بېرى بۇ كىشى دىققىتىمنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بۇ كىشى خېرىدارلىرىغا ناھايىتى قىزغىن بولغاندىن باشقا، يولدىن ئۆتكەن - كەچكەنلەرگىمۇ ئوچۇق - يورۇق، خۇش چاقچاق ئىدى. ئۇنىڭ بىرەرسى بىلەن قىزىرىشىپ قالغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، قاچانلا قارىسام خۇش چىراي.
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ كىشى بىلەن خېلى چىقىشىپ قالدىم، بەزىدە خىزمەتتىن بالدۇرراق چۈشۈپ قالسام ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپمۇ قويىمەن. بۇ كىشى شەھەر ئەتراپىدىكى بىر يېزىدىن بولۇپ قول ئىلكىدە ئون مو يېرى بار ئىكەن، چوڭ ئوغلىنى ئۆيلۈك - ئوچاقلىق قىپتۇ، قىزىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇۋېتىپتۇ، كەنجى ئوغلى تولۇقسىز ئوتتۇرىدا ئوقۇۋېتىپتۇ، خوتۇنى ئۆيدە ئىكەن، ئۆزى بولسا دېھقانچىلىقنىڭ ئارسال ۋاقىتلىرىدا مۇشۇ بازاردا كۆكتات ساتىدىكەن. مەن ئۇنىڭدىن «ئاكا، غېمىڭىزمۇ ئاز ئەمەسكەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق دائىم دېگۈدەك كەيپىياتىڭىزنىڭ ناھايىتى خۇشلۇقىنى كۆرىمەن، بۇنىڭ بىرەر سىرى بارمۇ قانداق» دەپ سورىدىم.
ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ: «بۇنىڭ نېمە سىرى بار دەيسىز ئۇكا، خۇشال ئۆتسىڭىزمۇ، خاپا ئۆتسىڭىزمۇ شۇ بىر كۈن ئۆتىدۇ، تۆت كۈنلۈك ئالەمنىڭ قاپاق تۈرگۈچىلىك نەرى بار دەيسىز، شۇنداق ئىكەن ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن ئىجىل - ئىناق ئۆتسەك، كۆڭلىمىزمۇ تەسكىن تاپىدىكەن، ئۆزىمىزمۇ خۇشال يۈرىدىكەنمىز» -دېدى.
 ئۆتكەندە خوتۇنۇم بىر نەچچە كۈن ساقسىز بولۇپ قېلىپ، كۆكتات سېتىۋېلىش، نەۋرىمىزنى يەسلىگە ئاپىرىپ- ئەكىلىش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلار زىممەمگە يۈكلەندى. بىر كۈنى ئىشتىن قايتىپ كەلسەم ئۆيدە بىر تال تاۋۇز بىلەن يالتىراق خالتىدا بىر مۇنچە كۆكتات تۇرىدۇ، خوتۇنۇمدىن «بازارغا چىققان ئوخشىمامسەن؟» دەپ سورىۋېدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ بازارغا چىقمىغىنىنى، تېخى بىرەر سائەتنىڭ ئالدىدا بىرەيلەننىڭ بۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپ، ئۆزىدىن ھال- ئەھۋال سوراپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
مەن چۈشەندىم، بولۇپمۇ ئۇ كىشىنىڭ نېمىشقا دائىم دېگۈدەك چىرايىنىڭ قىزىل گۈلدەك ئېچىلىپ، خۇشال- خۇرام يۈرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى، باشقىلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلىش بەدىلىگە ئۆزىگە خۇشاللىق تاپىدىغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشەندىم، مانا بۇ ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە ئىگىلىيەلمەيدىغان خۇشاللىق تۇيغۇسى ئەمەسمۇ؟ مانا بۇنى باشقىلارنى خۇش قىلىش ھېسابىغا ئۆزىگە خۇشاللىق تېپىش دېسەك توغرا بولىدۇ. مانا بۇ بىر كىشىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئالتۇنغا تەڭ قىلغۇسىز ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببىتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى