ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەخلاق پەزىلەت ۋە پەرزەنت تەربىيەسى

2018-01-09 11:10:01     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بالىلارنىڭ نەزەرىدە ئاتا- ئانا تۇنجى ئوقۇتقۇچى، ئاتا- ئانىسى ھەممە جەھەتتىن نۇقسانسىز، ئەڭ قالتىس كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئالدى بىلەن ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئىش - ھەرىكىتىنى كۆرۈپ، دورىغىسى كېلىدۇ، كۈندە ئاڭلاپ تۇرغان گەپ- سۆزلىرىدىن قانداق تەلەپپۇزدا سۆزلەشنى ئۆگىنىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئاتا- ئانىلار بالىلارغا ھەر جەھەتتىن ئەڭ بالدۇر تەسىر كۆرسەتكۈچىدۇر. شۇڭا ئاتا- ئانىلار ئائىلىدىكى ھەر بىر ئىش- ھەرىكىتى، گەپ - سۆزىنىڭ خاتا ياكى توغرا بولسۇن، بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى ئېسىدە ساقلاپ، بالىلارنىڭ ئالدىدا ياخشى ئوبراز يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. رېئال تۇرمۇشتا مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، لېكىن ئاز ساندىكى بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار ماددىي جەھەتتىكى غەمخورلۇققا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيە- ئەخلاق، پەزىلەت جەھەتتىكى تەربىيەگە سەل قارايدۇ. شۇنى چۈشىنىش كېرەككى، پەرزەنتلىرىنى ئىدىيە- ئەخلاق، پەزىلەت جەھەتتە تەربىيەلەش يالغۇز ئاتا- ئانىلارنىڭلا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيىتى بولماستىن، بەلكى دۆلەت، جەمئىيەت ئالدىدىمۇ ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەرزەنتلەر ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئىز باسارىلا بولماستىن، بەلكى دۆلەتنىڭ، كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرىدۇر.
ئاتا - ئانىلار ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىشتا ئائىلە ئەزالىرى ئورتاق قىزىقىدىغان، بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ئاساس قىلىدىغان ئەھۋال سوراش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش لازىم. بالىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەستايىدىل جاۋاب بېرىشى، ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى يېپىش ئۈچۈن «مۇشۇنىمۇ بىلمەمسەن، مەكتەپتە ئۆگەنمەي نېمە ئىش قىلدىڭ، بېرىپ مۇئەللىمىڭدىن سورا...» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇلارنى كەمسىتمەسلىكى لازىم. ئاتا - ئانىلار تەشەببۇسكار بولۇپ، بالىلارنىڭ زېھنىنى ئاچىدىغان كىتابلارنى ئېلىپ بېرىشى، تەبىئەتنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇشى، بالا بىلەن كۆپ پىكىرلىشىشى، سۆز - ھەرىكەتتە ئىلمىي بولۇشى، بالىلارنى ئۆگىنىشكە، تەپەككۇر قىلىشقا قىزىقتۇرۇشى، بالىلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى لازىم. بالىلىرىنىڭ ئالدىدا باشقا بالىلارنى كۆپ ماختىماسىق، يېتەرسىزلىكىنى تەكىتلىمەسلىك، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم. چۈنكى بالىلارنىڭ غۇرۇرى كۈچلۈك بولىدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ھۆكۈمران بولۇشىنى ئەمەس، بەلكى سىرداش دوستى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر، ئاتا- ئانا خاتالىق ئۆتكۈزسە، چوقۇم بالىلىرىنىڭ ئالدىدا خاتالىقىنى تۈزىتىشنى دائىملىق قائىدىگە ئايلاندۇرۇش ۋە بالىلارنى ئەمگەك بىلەن چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلىرىگە كىبىرىنى كۆرسىتىپ بېسىم ئىشلەتمەي، ئۇلارغا دېموكراتىك، باراۋەر پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىشى، ئۇلارنى ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ئالغا ئىلگىرىلەش، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان كىشىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم. ئىجابىي تەربىيەنى، ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ساغلام يېتىلدۈرۈش لازىم. پەرزەنتلىرىنىڭ كەمچىللىك ۋە خاتالىقىغا قارىتا سەۋرچانلىق بىلەن قايىل قىلىش تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش، ئەيىبلەش، مەسخىرە قىلىش، كەمسىتىش، ئۇرۇپ- تىللاش، جازالاشتەك ئۇسۇللارنى قوللانماسلىقى لازىم. ھەممە ئىشتا ئاتا - ئانىلار ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، سۆز ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىلمىي تەربىيە بېرىپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ئارقىلىق پەرزەنتلىرىگە تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش لازىم.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەخلاقىي ساپاسى يۇقىرى بىر تۈركۈم تەربىيەلەنگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن ھەممە تەرەپ ئورتاق كۈچ چىقىرىش لازىم.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى