قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەستايىدىللىقنىڭ كۈچى

2018-01-09 19:00:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«ئارقىدا قالغان ئىشىڭغا، قار ياغىدۇ بېشىڭغا» دېگەندەك،  ئۆز پەيتىدە قارارىنى تاپالمىغان ئىشلىرىمىز بىزگە ھامان پۇتلىشىدىكەن، ياكى بىزنى ھاياتنىڭ مەلۇم ئۆتەڭلىرىدە تالاي ئۆگىنىشلەرگە مەجبۇر قىلىدىكەن، سالماق خۇلاسە چىقارساق، بۇ خىل پوزىتسىيە ھاياتىمىزنىڭ قۇۋۋىتىنى شوراپ، بەرىكىتىنى ئۇچۇرىدىكەن ...
-مەكتەپتىكى چېغىمدا دۆلەت ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگەنمىگىنىمگە بەك پۇشايمان قىلىمەن. يەل- يېمىش سېتىۋاتقىنىمغا ئۇزاق يىل بولدى، ماڭا نەچچە قېتىم ئىچكىرى ئۆلكە، ھەتتا چەتئەللەردىن كەلگەن خېرىدارلار بىلەن ھەمكارلىشىدىغان ياخشى پۇرسەتلەركەلگەن ئىدى. لېكىن تىل بىلمەسلىكىم سەۋەبلىك بۇ ياخشى پۇرسەتلەر يېنىمدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتتى. ئەينى چاغدا بىرەر كۇرسقا قاتنىشىپ تىل ئۆگىنىشنى ئويلاپمۇ باققانىدىم. لېكىن «ھېلى بۇ ئىش، ھېلى ئۇ ئىش» دەپ تىل ئۆگىنىشنىمۇ كەينىگە سوزۇپ بۈگۈنگە كەلدىم.
-تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن تارتىپلا دەرسلەرنى ئەستايىدىل، پۇختا ئۆگەنگەن بولسام بوپتىكەن مانا ھەش- پەش دېگۈچە تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنى پۈتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بېرىشىمگىمۇ ئازلا قالدى. تولۇق بىرىنچى يىللىقتىكى چېغىمدا «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يەنە نەچچە يىل بار، تولۇق ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندا بىراقلا تەكرار قىلساممۇ كېچىكمەيمەنغۇ» دەپ ئويلاپ، ئانچە ئەستايىدىل بولماپتىمەن. مانا ئەمدى ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن مەزمۇن بارلىقىنى ھېس قىلىپ ئۆگىنىۋاتىمەن. ..
-باشلانغۇچ مەكتەپتىكى چېغىمدا پۇچۇركام سەت بولغاچقا، ئانام مېنى خەتنى چىرايلىق يېزىشنى ئۆگەنسۇن، دەپ خەتتاتلىق كۇرسىغا بەرگەن ئىدى. لېكىن كۇرسقا بېرىش خوشياقمىغان، شۇڭا پۇچۇركام يەنىلا ئۆزگەرمىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئەدەبىيات نەتىجەم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغىنىمدا ئوقۇتقۇچى ماقالەمدە يورۇتقان مەزمۇننىڭ خېلى ياخشى ئىكەنلىكىنى، لېكىن خېتىم بەك سەت بولغاچقا تەستە ئوقۇغانلىقىنى ئېيتتى. شۇ يىلى مەكتەپ بويىچە ماقالە ئوقۇش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى بولدۇم، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ماقالەمدە يورۇتۇلغان مەزمۇننىڭ بەك ياخشى ئىكەنلىكىنى، بۇ ماقالەمنى شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ماقالە يېزىش مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇشىمنى تەۋسىيە قىلدى. پوچېركام سەت بولغاچقا، ئوقۇتقۇچۇم ماقالەمنى خېتى چىرايلىق ساۋاقدىشىمغا كۆچەتكۈزۈپ ئەۋەتىشىمنى، بولمىسا باھالىنىشقا تەسىر يېتىدىغانلىقى ئېيتتى. ھازىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاچقا، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تەكرار قىلمىساق بولمايتتى، لېكىن مەن خەتنى چىرايلىق يېزىشنى مەشىق قىلىشقا ئالايىتەن ۋاقىت ئاجرىتىۋاتىمەن، ئەينى چاغدا چىرايلىق خەت يېزىش پەيتىنى تۇتۇپ مەشىق قىلغان بولسام، ھازىرقىدەك جىددى پەيتتە باشقا مەزمۇنلارنى تەكرار قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالىغان بولاتتىم ...
مانا بۇلار بىر تىجارەتچىنىڭ، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ پۇشايمىنى. ئادەمنىڭ مەلۇم ئىشلارغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقى بەزى ئىشلاردا ئۆز پەيتىدە غەيرىتىنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلى كېيىن پۇشايمان قىلىدىغان چاغلىرى بولۇشى مۇمكىن. دېمەك، يۇقىرىقى ئۈچەيلەنگە ئوخشاش، ئۆز ۋاقتىدا ئاۋارىچىلىك ھېس قىلىپ، ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئۆگىنىشتىن ۋاز كەچسىڭىز، كېيىن ياخشى پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويۇشىڭىزغا، يەنە ئاۋارىچىلىكلەردىن خالىي بولالماسلىقىڭىزغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئەتە پۇشايمان قىلماي دېسىڭىز قانچە جاپا تارتسىڭىزمۇ، ھەرقانچە مۈشكۈل بولسىمۇ بۈگۈن يەتمەكچى بولغان نىشانىڭىز ئۈچۈن تىرىشىڭ. ئىشىڭىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ. ئەستايىدىللىق بەلكىم سىزنى دەماللىققا كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا، كۆڭلىڭىزگە پۈككەن ئارمانلىرىڭىزغا يەتكۈزەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن ئەستايىدىللىق سىزنى تەدرىجىي تاكاممۇللاشتۇرۇپ ئىقتىدار ئىگىسى قىلىدۇ.
ھەممىمىز «بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويما» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزنى بىلىمىز. بىراق رېئال تۇرمۇشتا بۇنىڭغا ھەقىقىي تۈردە ئەمەل قىلالايدىغانلار كۆپ ئەمەس. نۇرغۇن كىشى مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز ھالدا شۇ كۈنى تاماملاپ بولۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى سۆرەپ ئىككىنچى كۈنىگە قويىدۇ. ئىككىنچى كۈنىگە كەلگەندە يەنە قىلىشقا تېگىشلىك بىر مۇنچە ئىشنى بايقايدۇ-دە، بۇ ئىشنى يەنە كەينىگە سۆرەيدۇ. نەتىجىدە بىر مۇنچە ئاۋارىچىلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقىدۇ. كەينىگە سۆرەلگەن ئىشلار توپلانغانسېرى ئۇ ئىشلارنى بېجىرىش تېخىمۇ تەسكە توختايدۇ . بۇ تەبىئىي ھالدا كىشىدە بېسىم پەيدا قىلىپ، كەيپىياتقا تەسىر يەتكۈزىدۇ. نۇرغۇن كىشى دائىم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ بولالمىغانلىقى، ۋاقىت يەتكۈزەلمەيۋاتقانلىقى توغرىسىدا قاقشايدۇ، لېكىن بۇ ئەھۋالنىڭ ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا قىلماي، كەينىگە سۆرىگەنلىكتىن بولغانلىقىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.
ئىشلارغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتماسلىق، ۋاقتىدا قىلماسلىق كەينىگە سۆرەشكە ئوخشاش بىر قاتار ئىللەتلەر بەزىدە بىزنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىتىشتىن باشقا، يەنە ھاياتىمىزنى ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ. رېئاللىقىمىزدا بۇنداق مىساللار تولىمۇ كۆپ. مەسىلەن، سالامەتلىكنى ۋاقتى ۋاقتىدا تەكشۈرتۈپ تۇرۇش راك كېسىلىگە ئوخشاش كېسەللىكلەرنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر دىئاگنوز قويۇپ، بالدۇر داۋالاشقا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ، سالامەتلىكنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇشقا بىپەرۋالىق قىلىش، كەينىگە سۆرەش بولسا بەزى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ، پۇشايمان قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مىسالغا ئالساق، ئالىي مەكتەپتە كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدىغان شۇنداق ئوقۇغۇچىلار باركى، ئۇلار بىلىمنىڭ قەدىر- قىممىتى ۋە ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ، بىلىم ئېلىش ئىستىكىدە توختاۋسىز ئىزدىنىدۇ، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىنىمۇ بوش قويماي كەسپىي بىلىمىلەرنى ئۆگىنىپ ۋە ئىمتىھان بېرىپ ئوقۇش پۈتكۈزۈشتىن ئىلگىرى مەكتەپ تەلەپ قىلىدىغان، چۇقۇم ئېلىشقا تېگىشلىك گۇۋاھنامىلەرنى ئالغاندىن باشقا، يەنە ھەر خىل گۇۋاھنامىلەرنى ھازىرلاپ بولىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى باركى، ئۇلار ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئاتلىغاندىن كېيىن، ئۆزىنى خۇددى قەپەستىن چىققان قۇشتەك ھېس قىلىپ ، ئەركىن «پەرۋاز» قىلىشقا باشلايدۇ. ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئۆز- ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، ئۇنىۋېرسال ساپا يېتىلدۈرىدىغان، كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇل سالىدىغان بۇ ياخشى سەھنىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنىڭ ئورنىغا بىپەرۋالىق بىلەن ئۆزىنى تاشلىۋېتىپ، نىشانسىز «دېڭىزغا» غەرق بولىدۇ، نەتىجىدە ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا، ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتمىغانلىقىنىڭ دەردىنى كۆپ ئۆتمەيلا تارتىدۇ.
 «ئەستايىدىللىق بىر خىل پوزىتسىيە، شۇنداقلا بىر خىل ئىقتىدار». روشەنكى، ئەستايىدىل بولۇش تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك جەريانلىرىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەممە ئىشتا ئەستايىدىل بولۇش پەزىلىتىنى يېتىلدۈرگەنلەر باشقىلارنىڭ ئىشەنچىگە، مايىللىقىغا ئېرىشەلەيدۇ. ئوغلۇمنىڭ ئوقۇتقۇچىسىنى مىسالغا ئالسام، ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرگەندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، ئۇ ھەر كۈنى ئائىلە خاتىرىسى ئارقىلىق ئوغلۇمنىڭ يەسلىدىكى ئىپادىسى، ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى تەپسىلىي خاتىرلەپ ماڭا يەتكۈزىدۇ ۋە مەندىنمۇ ئوغلۇمنىڭ شۇ كۈنلۈك ئائىلىدىكى ئىپادىسىنى، ئوقۇتقۇچىدىن، مەكتەپتىن كۈتىدىغان تەلەپلىرىنى ئائىلە خاتىرىسىگە يېزىپ تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق ئەستايىدىللىقنىڭ نەتىجىسىدە ئوغلۇمدىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشىنى بايقىيالىدىم. بۇنىڭ ئوغلۇمنى ئائىلىدە لايىقىدا يېتەكلەپ مېڭىشىمغا خېلى كۆپ پايدىسى بولدى.  ئوغلۇم يەسلىگە كىرگەندىن كېيىنكى ھەر قېتىملىق ئاتا- ئانىلار يىغىنىدا ئوقۇتقۇچى پرويېكسىيە پىليونكىسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى ئىلگىرى ئىشلىگەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىمەكچى بولغان خىزمەتلەرنى، بالىلارنىڭ يەسلىدىكى ئەھۋالى، چوڭ- كىچىك پائالىيەتلىرى، بالىلارنىڭ تاماق قاچىسى ۋە لۆڭگىسى قاتارلىقلارنى دېزىنفېكسىيەلەش جەريانى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل چۈشەندۈرىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇ ئەستايىدىللىقى مېنى ۋە باشقا ئاتا- ئانىلارنى تولىمۇ قايىل ھەم خاتىرجەم قىلدى.
جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يىراق يېزىدىكى بىر قىز شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. ئۇ كىچىك ۋاقتىدىلا كەلگۈسىدە «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» بولۇشنى كۆڭلىگە پۈككەچكە، شىنجاڭ تىببىي ئونۋېرسىتىتىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، خۇشاللىقتىن قىن- قىنىغا پاتماي قالدى  ئوقۇشقا كەلگەندىن كېيىن دۆلەت  ئورتاق تىلى سەۋىيىسىنىڭ سىنىپىدىكى باشقا ساۋاقداشلىرىدىن تۆۋەن بولۇشى ئۇنىڭغا بېسىم پەيدا قىلدى، ئۇ ئارزۇسىغا يېتىشنىڭ ئۇنچە ئوڭاي ئەمەسلىكىنى تونۇپ يەتتى ۋە بېسىمنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ تىرىشىپ ئۆگەندى، ئۇنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن پىلان تۈزۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش نەتىجىسىدە ئۇ قىسقا ۋاقىتتىلا ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوخشاش سەۋىيىگە يەتتى، يەنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇقتىنمۇ ئوقىدى. ئۇ ئاخىرى ئارمىنىغا يېتىپ، «ئاق خالاتلىق پەرىشتە»گە ئايلاندى. مەن ئۇنىڭدىن قانداق كۈچنىڭ ئۆزىنى ئالغا ئىلگىرىلەتكەندىن سورىغىنىمدا ئۇ: «ئەستايىدىللىق» دەپ جاۋاب بەردى.
«ھەر قانداق خىزمەت ئادەمدىن زور تىرىشچانلىق ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدۇ، بۈگۈن سىز ئەستايىدىل خىزمەت قىلمىسىڭىز، ئەتە يەنە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت ئىزدەيسىز». خىزمەت بىزدىن ئەڭ يۇقىرى ئىقتىدارىمىزنى ئاتا قىلىشىمىزنى ۋە ئەستايىدىللىقنى تەلەپ قىلىدۇ، ئادەم قىلغان ئىشنى ئەستايىدىل ۋە ئۆزلۈكسىز قىلغاندىلا ئاندىن غەلبە قازىنالايدۇ. شۇڭا مۇۋەپپەقىيەت قەسىرىگە بالدۇرراق قەدەم قوياي دەيدىكەنمىز، ئىشلارنى كەينىگە سوزۇشتەك يامان ئادەتنى چۇقۇم يىلتىزىدىن تۈگىتىشىمىز، چۇقۇم بۈگۈنكى ئىشنى ئەتىگە قويماسلىقىمىز كېرەك، بۇ سۆزگە ھەقىقىي ئەمەل قىلالىساق، مۇۋەپپىقىيەت بىزدىن يىراق ئەمەس.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى