قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئايرىلىش بىزگە يەنە نېمىلەرنى ئاتا قىلىدۇ؟

2018-01-09 20:07:39     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۈپتىڭىزىدىن ئايرىلىش يەنە سىزنى ئۆزئارا ئالاقە ۋە ئۆزىڭىزنى نامايەن قىلىش ئىقتىدارىڭىزنى جارى قىلدۇرۇشقا قىستايدۇ.
ئايرىلىش ھېسىيات جەھەتتىكى ئاجىز تەرىپىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭىز سىزنى تاشلاپ كەتكەندە، قولىڭىزىدىن ھېچنېمە كەلمەيدىغانلىقىنى، ئوخشاشمايدىغان ياخشى كۆرۈش ئۇسۇلى، مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىشى، ھەتتا مۇھەببەت ئېنىقلىمىسىنىڭمۇ ياخشى ئادىمىڭىزنىڭ تاشلاپ كېتىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى بايقايسىز.
ئايرىلىش ئېرىشىش ۋە بەدەل تۆلەشنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مۇھەببەتلىشىش، نىكاھ-- ئىككى ئادەمنىڭ كېلىشىشى، بەدەل تۆلىشى، چىداش ۋە قۇربان بېرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەغلۇبىيەتلىك مۇھەببەت بەدەل تۆلەش ۋە ئېرىشىشنىڭ ھېسىياتتىكى ئەھمىيىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.
  ئايرىلىش سەۋرچانلىق، چىدامچانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. ئەر- ئاياللار مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ھەر بىر كىشىنىڭ ھېسسىياتىنى توغرا تىزگىنلىشىگە موھتاج، ئەگەر جورىڭىزنىڭ ئاچچىقى يامان بولسا، سىز يول قويۇشنى، سەۋىرچانلىقىنى ئۆگىنىۋېلىشىڭىز كېرەك. ئايرىلىش سىزگە ۋاز كېچىشنى ئۆگىتىدۇ. مۇھەببەتلىشىشىتىن ئىبارەت بۇ دەرىسخانىدا چىڭ تۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەمەسلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك، بەزىدە ۋاز كېچىش يەنە بىر بەختنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى مۇمكىن. ئىككى ئادەمنىڭ ماس كېلىش- كەلمەسلىكىنى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بەلگىلىمەيدۇ، بەزىدە ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى سۈكۈت ئىچىدە ئۇزىتىپ قويۇشنى ئۆگىنىش ھەمدە ئۇنىڭغا چەكسىز بەخت تىلەش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى