قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

رىشتىنى چىڭىتقان ئۈستەل چىرىغى

2018-01-10 17:06:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت  خەۋپسىزلىكى  ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى نيې فېي 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ قىزىلبويى يېزىسى شەنبە بازار كەنتىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدى. ئۇ ئەمدىلا بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىشىگە، يىراقتىن بىر قىزچاق يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.
 «سىڭلىم، مېنى تونۇمسىز؟». «ياق، سىزنى تونۇمايمەن، بىراق سىزنىڭ جاڭ ياۋېي تاغامنىڭ خىزمەتدىشى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، چۈنكى سىزمۇ ساقچى فورمىسى كىيىۋاپسىز».
 بۇ قىزنىڭ ئىسمى گۈلمىرە مەمەت بولۇپ، ھەپتە ئىلگىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك جامائەت  خەۋپسىزلىكى  ئىدارىسىنىڭ ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى جاڭ ياۋېي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۆيىدە تۇرغانىدى. گۈلمىرە مەمەت مۇنداق دېدى: جاڭ تاغام تۈنۈگۈن ئاپامغا تېلېفون ئۇرۇپ، سىزنىڭ بۈگۈن ئۆيىمىزگە كېلىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقانىدى، شۇڭا سىزنى يىراقتىنلا كۆرۈپ تونۇۋالدىم.
نيې فېي جاڭ ياۋېينىڭ ھاۋالىسى بويىچە ئېلىپ كەلگەن ئۈستەل چىرىغىنى گۈلمىرە مەمەتكە بەردى، ئۇ يېڭى ئۈستەل چىرىغىنى كۆرۈپ بەكمۇ خۇش بولدى، ئۈستەل چىرىغىنى قولىغا ئېلىپ سىنچىلاپ كۆردى.
 جاڭ ياۋېي گۈلمىرە مەمەتنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بىر ھەپتىدە، كۈندۈزى تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ ئەمگەك قىلسا، كەچتە گۈلمىرە مەمەت ۋە ئۇنىڭ ئىنىسىغا دەرس تەكرارلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئۈستەل چىرىغى بولمىغانلىقتىن، ئاچا- ئۇكا ئىككىسى تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە كىتابنى كۆزىگە يېقىن ئەكىلىپ كۆرەتتى. جاڭ ياۋېي ئۇنىڭغا قايتقاندىن كېيىن چوقۇم يېڭى ئۈستەل چىرىغى ئەۋەتىمەن، دەپ ۋەدە قىلغانىدى.
 نيې فېي گۈلمىرە مەمەتكە مۇنداق دېدى: جاڭ تاغىڭىز ئىككىڭلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەڭلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، بۇ قېتىم ماڭا ئالايىتەن سىلەرگە يېڭى سومكا ۋە بۇ ئۈستەل چىرىغىنى ئالغاچ بېرىشىمنى تاپىلىدى، بۇ سىلەرگە بەرگەن يېڭى يىللىق سوۋغىمىز بولسۇن.
 گۈلمىرە مەمەت تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئىنىم ئىككىمىز چوقۇم ياخشى ئوقۇيمىز، مەۋسۈملۈك ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئالىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى