قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۆي ئىچىدىكى نۇردىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

2018-01-10 18:59:12     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئۆي بېزىگەندە كىشىلەر دائىم ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانىڭ سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يورۇتۇش ئەسۋابلىرى ۋە فارفۇر خىش تاللىغاندا، ئۆي ئىچىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان يورۇتۇش ئۈنۈمىگە سەل قارايدۇ، نەتىجىدە نۇردىن بۇلغىنىش پەيدا بولىدۇ.
 ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، %70 تىن ئارتۇق ئىستېمالچى ئۆي ئىچىنى يورۇتۇش چىراغلىرى بىلەن بېزىگەندە نۇردىن بۇلغىنىش بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىكەن ھەم ئۆي ئىچىنى يورۇتۇش چىراغلىرى ئارقىلىق بېزەشنىڭ سالامەتلىككە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنى تازا دېگەندەك چۈشىنىپ كەتمەيدىكەن.
 ئادەتتە ئۆي ئىچىدە كۆپ ئۇچرايدىغان نۇردىن بۇلغىنىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ جەھەتتىن كۆرۈلىدىكەن:
 بىرىنچىدىن، كۆزنى زىيادە چاقنىتىدىغان بېزەش ماتېرىياللىرى. ئۆي ئىچىنى تېخىمۇ يورۇق قىلىش ئۈچۈن، بەزىلەر ئۆي ئاستىغا يورۇقلۇق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان فار- فۇر خىشنى ياتقۇزىدۇ، بېزەش ماتېرىياللىرىغا كۆزنى چاقنىتىدىغان سۇۋالغۇلارنى بېرىدۇ، يەنە ئۆي ئىچىدە بىر قانچە ئورۇنغا ئەينەك جازىلارنى ئورنىتىۋالىدۇ، مۇنداق مۇۋاپىق بولمىغان ئورۇنلاشتۇرۇش كۈچلۈك يورۇقلۇق قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆي ئىچىدە نۇردىن بۇلغىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
 ئىككىنچىدىن، ئۆي ئىچىدىكى مۇۋاپىق بولمىغان يورۇتۇش ئەسلىھەلىرى، مەسىلەن، رەڭگا- رەڭ چىراغلار.
 ئۈچىنچىدىن، ئۆي سىرتىدىكى كېچە- كۈندۈز يېنىپ تۇرىدىغان يورۇتۇش چىراغلىرى. يورۇتۇش مەنبەلىرى، يەنە كېلىپ شەھەرلەردىكى سودا ساراي، ئېگىز ئىمارەتلەرنىڭ ئېلان چىرىغى، نېئونلۇق لامپا قاتارلىقلارنىڭ نۇرى ئۆي ئىچىگە چۈشۈپ، ئۆي ئىچىدە نۇردىن بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
 ئادەتتىكى ئەھۋالدا، پول ۋە تام يۈزىدىن قايتقان نۇر كوئېففىتسېنتى %60تىن تۆۋەن بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە يەر يۈزىنىڭ نۇر قايتۇرۇش كوئېففىتسېنتى %15- 35% گىچە بولسا مۇۋاپىق بولىدىكەن. ئۆي ئىچىگە زىيادە يورۇق بولغان بېزەش ماتېرىياللىرىنى ئىشلەتكەندە ياكى ئورناتقاندا، قايتقان نۇر كوئېففىتسېنتى %90 كە يېتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ بەرداشلىق بېرىش چېكىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن. مۇنداق مۇھىت ئاسانلا كىشىلەرنىڭ ھېرىپ- چارچىشىنى ياكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆزگە ئاق چۈشۈش خېيىم- خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە نورمال بولغان فىزىيولوگىيەلىك رىتىمغا كاشىلا قىلىپ، نېرۋىلارنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنى ۋە ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . ئۆي ئىچىدىكى چىراغ نۇرىنىڭ زىيادە رەڭگارەڭ بولۇشى كۆرۈش قۇۋۋىتىگە زىيان سالغاندىن باشقا، يەنە چوڭ مېڭە مەركىزىي نېرۋىلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، باش قېيىش، كۆزنى قاماشتۇرۇش، ئۇيقۇسىزلىق ۋە روھىي كەيپىياتى تۆۋەنلەپ كېتىش ھەتتا قان بېسىم يۇقىرىلاپ كېتىش، يۈرەك سېلىش، قىزىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدىكەن. بۇنداق مۇھىتنىڭ بوۋاقلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن .

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى