قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانداق قىلغاندا ئۆي ئىچىدە نۇردىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

2018-01-10 19:02:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

.1 يورۇتۇش جەھەتتە، ئۆي ئىچىنىڭ يورۇقلۇق ئېھتىياجى ۋە رەڭ تۈسىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەككەن. ئاساسلىق يورۇقلۇق مەنبەسى سالقىن رەڭ تۈسىنى ئاساس قىلىش، قوشۇمچە ئىللىق رەڭلىك نۇر مەنبەسىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەككەن. ئۆي ئىچىنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، كىتابخانا، مېھمانخانا، ئاشخانا قاتارلىقلارغا سالقىن نۇر چىقىرىدىغان چىراغلارنى، ھۇجرا، تازىلىق ئۆيى، بالكونلارغا يېقىملىق رەڭ چىقىرىدىغان چىراغلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدىكەن .
.2 يورۇقلۇق مەنبەسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يورۇقلۇقنىڭ كۆزگە بىۋاسىتە چۈشۈشىدىن ساقلىنىش كېرەككەن. مۇقىم يورۇقلۇق مەنبەسى يورۇق ۋە قاراڭغۇنىڭ ئالمىشىشى ۋە كۆز چاقناشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى قوغداپ، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. ئادەمنىڭ كۆرۈش سېزىمى ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان نۇر ۋە نۇر مەنبەسىنىڭ بۇلۇڭ گىرادۇسى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدىكەن، ئادەمنىڭ كۆرۈش سىزىقى بىلەن يورۇقلۇق مەنبەسى ئارىسىدىكى بۇلۇڭ قانچە كىچىك بولسا، ھېس قىلغان نۇر شۈنچە كۈچلۈك بولىدىكەن. كۆرۈش سىزىقى يۆنىلىشى بىلەن يورۇقلۇق مەنبەسى ئارىسىدىكى بۇلۇڭ 60 گىرادۇستىن ئېشىپ كەتسە، چېچىلغان نۇر ئاجىز بولىدىكەن.
.3 بېزەش ماتېرىياللىرىنى توغرا تاللاش كېرەككەن. ئۆي ئىچىنى بېزىگەندە، نۇر قايتۇرۇش كوئېففىتسېنتى تۆۋەن بولغان بېزەش ماتېرىياللىرىنى تاللاپ ئىشلىتىش كېرەككەن، مەسىلەن يىرىك سۇۋالغان تام يۈزى بېزەش ماتېرىياللىرى، تەركىبىدە بۇلغىغۇچى ماددىلار ئاز بولغان سۇۋالغۇ قاتارلىقلار؛ قايتقان نۇر بىلەن يورۇقلۇقنىڭ فوكۇسلىشىشىدىن پەيدا بولغان چېچىلغان نۇردىن ساقلىنىش كېرەككەن. كىتابخانا ۋە بالىلار ھۇجرىسىغا ئەڭ ياخشىسى پولنىڭ ئورنىغا خىش ياتقۇزۇش كېرەككەن. ئەگەر كۆزنى چاقنىتىدىغان پارقىراق خىشنى ياتقۇزسا، ئادەتتىكى ۋاقىتتا كىچىك چىراغنى يېقىپ قويۇش كېرەككەن، مۇنداق قىلغاندا، قايتقان نۇرنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدىكەن.
.4 تەبىئىي يورۇتۇش ئۈنۈمىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەككەن. ئۆي ئىچىگە تەبىئىي يورۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك چۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەككەن، بۇنىڭ ئۈچۈن، سىرتتىكى يورۇقلۇق يېتەرلىك ۋاقىتتا ئىشىك- دېرىزىلەرنى پات- پات ئېچىپ ئۆي ئىچىگە تەبىئىي يورۇقلۇقنىڭ چۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەككەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى