قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئەتىگەنلىك ناشتىدا «سوغۇق يېمەك- ئىچمەكتىن پەرھىز تۇتۇڭ»

2018-01-10 20:02:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەتىگەنلىك ناشتا تەمىنلەيدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى چۈشلۈك ياكى كەچلىك تاماق ئارقىلىق تولۇقلاش ناھايىتى تەس. ئەتىگەندە ناشتا قىلماسلىق ياكى ئەتىگەنلىك ناشتا ياخشى بولماسلىق، بىر كۈنلۈك ئېنېرگىيە ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
سەھەردە بەدەندىكى مۇسكۇل، نېرۋا ۋە قان ئايلىنىش سىستېمىسى قىسقىراش ھالىتىدە تۇرىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئىستېمال قىلىنغان سوغۇق يېمەك- ئىچمەكلەر بەدەننىڭ ئىچىكى قىسمىدىكى ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىدۇ ۋە ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەمنىڭ كېسەلگە بولغان قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا ناشتا قىلغاندا، ھەرگىز توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەر، سوغۇق قەھۋە، مېۋە سۈيى، سۈت قاتارلىقلارنى ئىچمەسلىك لازىم.ناشتىدا بۇلارنى ئىستېمال قىلغاندا، قىسقا ۋاقىتتا ھېچقانداق بىئاراملىق ھېس قىلمىغان بىلەن، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بەدەننىڭ كېسەلگە قارشىلىق كۈچى ئاجىزلىشىپ كېتىدۇ. ئادەم كېچىدە ئۇخلىغاندا بەدەندىكى سۇ ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يوقىتىدىغان بولغاچقا، ئەتىگەندە بەدەن يېرىم سۇسىزلىنىش ھالىتىدە بولىدۇ. شۇڭا، ئەتىگەنلىك ناشتىدا سۇ ۋە ئوزۇقلۇق مىقدارى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، ئاشقازاننىڭ سۈمۈرۈش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچىەيتىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى