قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانداق قىلغاندا قىشتا بەدەننى ئىسسىق ساقلىغىلى بولىدۇ؟

2018-01-11 16:54:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قىشتا بەدەننى ئىسسىق ساقلاش بەك مۇھىم، قېلىن كىيىنىشتىن باشقا، يېمەك- ئىچمەكنىڭ جايىدا بولۇشىمۇ بەدەننى ئىسسىق تۇتۇشقا پايدىلىق. ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسلىرى  مۇنداق دېيىشتى : بەزى يېمەكلىكلەر بەدەننى قىزىتىدۇ، بولۇپمۇ ئاقسىل مول يېمەكلىكلەر خۇددى يېقىلغۇغا ئوخشايدۇ، بىراق ئاقسىل مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىكلەردىن بېلىق، ئۆي قۇشلىرى، لوق گۆش، شورپا ياكى سۇلۇ يارمىسىغا ئۆسۈملۈك ئاقسىلى قوشۇپ يەپ، ياغنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا، لامنارىيە، قزىل دېڭىز يوسۇنىغا ئوخشاش تەركىبىدە  يود كۆپ يېمەكلىكلەر؛ قارا كۈنجۈت، ئاپتاپپەرەس، سۈت مەھسۇلاتى ۋە يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلاردا ئامىنو كىسلاتا مول، شۇڭا بەدەننىڭ سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: سوغۇقتىن قورقۇش يېمەكلىك تەركىبىدىكى مېنېرال ماددىلارنىڭ ئاز -كۆپلۈكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.ناۋادا بەدەندە ماگنىي، سىنك، تۆمۈر قاتارلىق مېنېرال ماددىلار كەم بولسا ئادەم توڭغاق بولۇپ قالىدۇ. سەۋزە، نىلۇپەر يىلتىزى، بەرەڭگە قاتارلىق يىلتىزسىمان كۆكتاتلاردا مېنېرال  ماددا كۆپ، شۇڭا قىشتا بۇ يېمەكلىكلەرنى دائىم يەپ بەرسە، بەدەننى ئىسسىق تۇتقىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى