ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 3 يىل نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋە 1 يىل ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىدا ئېرىشكەن ئۈنۈم مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنىڭ ئورنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، دېھقانلارنىڭ پايدا- مەنپەئىتى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە بولغان، مەھسۇلات سۈپىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش قەدىمى تېزلىتىلىپ، تولۇق كەسىپ زەنجىرىدە ساغلام تەرەققىي قىلىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلگەن. شىنجاڭ ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكە، ئاپتونوم رايون بولۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى، بىرلىك مەھسۇلاتى ۋە مەھسۇلاتىنى يۆتكەپ چىقىش مىقدارى جەھەتتە ئۇدا 22 يىل مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن.
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-08 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-07 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-06 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-05 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-04 |
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492 ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى |