قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىز ھەقىقەتەن غىرىپسىنىپ، كەيپىياتىڭىز تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا

2018-01-11 19:47:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇڭ. نىمىگە قىزىقسىڭىز، كۆڭلىڭىز نىمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ بىقىڭ. پۈتۈن زىھنىڭىز بىلەن بىرەر ئىشقا مەشغۇل بولۇپ كەتسىڭىز، تەبىئىيلا ھەممىنى ئۇنتۇيسىز. ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ ۋە ئويۇنلارنى ئويناڭ. 
* تەبىئەتنى سۆيۈڭ. بوش ۋاقىتلىرىڭىزدا باغچىلاردا سەيلە قىلسىڭىز، ئاستا يۈگۈرسىڭىز ياكى ۋېلىسپىت مىنسىڭىز كەيپىياتىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.
*  ئۇرۇق- تۇققان، دوستلىرىڭىز بىلەن ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈڭ. ئاتا- ئانا، ئۇرۇق- تۇققان ۋە دوستلىىڭىز بىلەن داۋاملىق باردى-كەلدى قىلىپ تۇرسىڭىز كەيپىياتىڭىزنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە پايدىلىق . تۇرمۇشىڭىز رەڭدارلىققا تولىدۇ.
* باشقىلارغا ياردەم قىلىڭ. باشقىلارغا ياردەم قىلسىڭىز، كۆڭلىڭىز كۆتۈرلۈپ قالىدۇ. باشقىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىنلا ياردەم بىرىش زۆرۆر ئەمەس، باشقىلارغا روھىي جەھەتتىن ياردەم بىرىشنىمۇ ئۈگىنىۋېلىڭ. ھەر خىل خەيرى- ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىڭ. * تەنتەربىيە پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىڭ. چىنىقىش سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇپلا قالماي روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىققىمۇ، كەيپىياتنى تەڭشەشكىمۇ پايدىلىق. مۇشۇنداق قىلغاندا يالغۇزلۇقتىن بولغان زىرىكىش، ئىچ پۇشىقىنى تۈگىتەلەيسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى