قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى قاشبېشى كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى كەنتكە بارغاندىن بۇيان، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلىدى

2018-01-12 18:47:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى قاشبېشى كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتكە بارغاندىن بۇيان، ئىشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ، تېخنىكا جەھەتتە تەربىيەلەش، كەسپ جەھەتتە يېتەكلەش ئارقىلىق، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.
 قاشبېشى كەنتىدىكى 380 ئائىلىدە 1 مىڭ 698 ئاھالە بار. بۇنىڭ ئىچىدە، 63 ئائىلە، 240 ئاھالە نامرات ھىساپلىنىدۇ. ئاقسۇ توقۇمىچىلىق سانائىتى شەھەرچىسىنى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئاقسۇ شەھىرى توپلۇق يېزىسى قاشبېشى كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى كەنتكە بارغاندىن بۇيان، كەنت ئاھالىلار كومىتېتى ۋە كەنت پارتىيە ياچىيكىسىدىكى كادىرلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنى تەشكىللەپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر- تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە ياردەم بېرىش- يۆلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، كەنتنىڭ تەرەققىيات تەسەۋۋۇرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.
كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، بۇلتۇر 3- ئايدا كەنتتىكى توقۇمىچىلىق بويۇملىرى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئالې شىنيې ئىلمە- توقۇلما چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىشىپ، قاشبېشى كەنتىدىكى تۇنجى «شۆبە زاۋۇت» نى قۇردى. كەنتتىكى 78 ئايال بۇ زاۋۇتتا ئىشقا ئورۇنلاشتى. ئايمۇزاخان كەنتتىكى بۇ زاۋۇتتا ئەڭ بالدۇر ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ بىرى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆمرۈمدە ئۆي ئىشىنى قىلىپ، بالا بېقىپلا ئۆتۈپ كېتىمەن دەپ ئويلىغانىدىم. ھازىر، كەنتتىكى زاۋۇتتا ئىشلەپ، ئائىلە كىرىمىمنى ئاشۇرالايدىغان بولدۇم. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھالىدىنمۇ خەۋەر ئالالايمەن.
 ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا، خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەربىيەلەشكە قاتنىشىش، دۇكان ئېچىشقا ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ، ئەمەلىي قوللىنىدىغان تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئۆزىنى- ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى. كەنت ئاھالىسى تۇرغۇن داۋۇت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئالدىراش، شوپۇرلۇق مەكتىپى يىراق بولغاچقا، خىزمەت ئەترىتى شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ كەنتكە كېلىپ تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدا ئالاقىلىشىپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، يىراققا بارماي تۇرۇپلا، شوپۇرلۇق بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشالايدىغان بولدۇق.
بۇنىڭدىن باشقا، كەنتكە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتى يەنە 110 مىڭ يۈەنلىك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئىلتىماس قىلىپ، كەنت ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ يېنىدا سودا كوچىسى قۇرۇپ، 23 ئائىلىلىك نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بەردى. كەنت ئاھالىسى ئەركىن ھوشۇر مۇنداق دېدى: ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ناۋايلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەنىدىم. ئەمما، مۇۋاپىق ئورۇن بولمىغاچقا، ناۋايخانا ئېچىشقا مۇمكىن بولمىغانىدى. ھازىر، بۇ يەردە ناۋايخانا ئېچىپ، بىر ئايدا 5 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپىدىغان بولدۇم.

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى