قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى 8- گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تۈزەش تەدبىرلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈردى

2018-01-12 18:47:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى 8- گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك تۈزەش تەدبىرلىرىنى تېز ئەمەلىيلەشتۈردى.
مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى 8- گۇرۇپپىسى ئوتتۇرىغا قويغان باغراش كۆلىدىكى ئالاقىدار تۈزەش تۈرلىرىنىڭ ئاستا بولىۋاتقانلىقى؛ بىر قىسىم پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىدا ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ قويۇپ بېرىش ۋە نورمال ئىشلىمەسلىك ئەھۋالى ساقلانغانلىقى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا، باغراش ناھىيەسى مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، مۇناسىۋەتلىك پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتلىرىدا تېخنىكا ئۆزگەرتىش ئىشىنى قانات يايدۇردى. باغراش ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى خەيشېڭ مۇنداق دېدى: 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى، شەھەر- بازارلىق پاسكىنا سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىلىرى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭغا جەمئىي 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈپ بولدى. نۆۋەتتە، باغراش كۆلىنىڭ ئومۇمىي سۇ سۈپىتى 3- دەرىجىگە يەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇ ئالتۇن تاغ، كۈمۈش سۇ دىمەكتۇر» دەيدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئانا كۆلى بولغان باغراش كۆلىنى ياخشى قوغدايمىز.
بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ چۈن مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى مۇھىت جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەر ۋە قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تۈزەش جايىدا بولماسلىق، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلىش، ساختىلىق قىلىش ئەھۋاللىرىدىن بىرى بايقالسا بىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قەتئىي سۈرۈشتە قىلىدۇ. تۈزۈلگەن ھەر بىر تۈردىكى تۈزەش تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراش نازارەتچىلىكى گۇرۇپپىسى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى