نەشپۈتنىڭ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى جانلاندۇرۇپ، چوڭ تەرەتنى ھەيدەش رولى بولغاچقا، نەشپۈت يەپ بەرسە، قەۋزىيەتكە پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر ئەتىگەندە ناشتا قىلىشتىن بۇرۇن بىر، ئىككى تال نەشپۈت يەۋالسا نەشپۈتنىڭ قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى كەچلىك ئۇيقۇدىن كېيىن يېمەكلىكلەر ئاساسەن ھەزىم قىلىنىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبلەر بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ بولغانلىقتىن، ئاشقازان، ئۈچەيلەر نىسبەتەن قۇرۇق ھالەتتە بولىدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا نەشپۈت يېسە، نەشپۈت تەركىبىدىكى ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلايدىغان تەركىبلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىپ، نەشپۈتنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا قەۋزىيەت بولغان كىشلەر قەۋزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋە ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغان باشقا ئامىللاردىن ساقلىنىش بىلەن بىللە، ھەر كۈنى ئەتىگەندە نەشپۈت ئىستېمال قىلىپ بەرسە قەۋزىيەتكە ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-08 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-07 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-06 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-05 |
يوللىرىڭىزغا بىز ھەمراھ 2018-02-04 |
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492 ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى |