قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىسقا ساۋاتلار

2018-01-12 19:01:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

▲يۈزىڭىزگە دانىخورەك چىقسا، قېتىق سۈركەپ بېرىڭ.
▲يۈز تېرىڭىزنىڭ تەر تۆشۈكچىلىرى يوغىناپ كەتسە، تەرخەمەكنى ياپلاقلاپ، يۈزىڭىزگە چاپلاڭ.
▲تېرىڭىز قۇرغاقلىشىپ بىئارام بولسىڭىز، مايمۇن شاپتۇلى يېسىڭىز تېرىڭىزنىڭ نەملىكى ئاشىدۇ.
▲يۈزىڭىزدىكى داغنى سۇسلاشتۇراي دېسىڭىز، گىرىم بۇيۇملىرىدىن باشقا يەنە، پەمىدۇر يېسىڭىزمۇ ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز.
▲كۆزىڭىزنى نۇرلاندۇراي دېسىڭىز، سەۋزىنى كۆپرەك يەڭ.
▲قەۋزىيەتتىن قۇتۇلاي دېسىڭىز، كۈندە ئەتىگەن سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئىچىڭ.
▲بەدىنىڭىزنىڭ سوغۇقى ئېشىپ، بىئارام بولسىڭىز زەنجىۋىل ئىستېمال قىلىڭ.
▲ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ بېسىمى ئېشىپ كېتىپ، مۈرىسى ئىچىشقاندەك ئاغرىسا، ئۆرۈك مېغىزى يېسە، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
▲مۇسكۇللىرىڭىزنىڭ چىڭ بولۇشىنى خالىسىڭىز سۆڭەك شورپىسى ئىچىڭ.
▲تىرنىقىڭىزدا ئاق دانىچىلار پەيدا بولسا، كالتىسىي تولۇقلاڭ.
▲ئورۇقلاي دېسىڭىز، پۇرچاق بولكىسى يەڭ.
▲ئارپا چېيى ئىچىسىڭىز، كەيپىياتىڭىزنى ياخشىلاشقا پايدىسى بار.
▲ئاچچىق-چۈچۈك شورپا ئىچسىڭىز، جىددىيلىكىڭىزنى پەسەيتەلەيسىز.
▲يۈزىڭىز ئىشىشىپ قالسا، تەكيە كاۋا ئىستېمال قىلىڭ.
▲كۈنبويى كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، كۆزىڭىز قۇرغاقلىشىپ كەتسە، بانان يەڭ.
▲ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغانلار بېشى ئېغىرلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلسا، چۈشتىن كېيىن سائەت بىرلەر ئەتراپىدا شاكىلات يېسە، بۇ خىل ھارغىنلىق تۇيغۇسى يوقايدۇ.
▲بەدىنىڭىزدىكى توكسۇننى ھەيدەي دېسىڭىز، پىچەكگۈل ئىستېمال قىلىڭ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى