قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2018-01-13 20:39:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومى 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ9- كۈنىدىن10- كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى لى ۋېي شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن دوكلات بەردى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى ليۇ ۋەنلۇڭ سۆز قىلدى.
چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى:- پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئارمىيەنى سىياسىي بويىچە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش،  ئارمىيەنى پەن- تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، موھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر- جەڭچىلىرى ۋە كەڭ ئوفىتسېر- ئەسكەرلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەم ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.
چېن چۈەنگو شىنجاڭ ھەربىي رايونىدىكى ئوفىتسېر- ئەسكەرلەرنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى چۆرىدەپ، يېڭى دەۋر بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
بىرىنچى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش روھىنى مۇستەھكەملەپ، يادروغا ئەگىشىپ مېڭىش، قوغداش ۋە ھىمايە قىلىش بىلەن قەتئىي بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى پۇختا ئۆگىنىپ، ئىدىيە بىلەن ھەرىكىتىنى ھەقىقىي تۈردە پارتىيە19- قۇرۇلتىيى روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچ بىلەن ئەقىل- پاراسەتنى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدا مۇجەسسەملەش كېرەك. «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقى ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چاقىرىقىغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان بۇيرۇقنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭ تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرنى قەتئىي ئورۇنداش كېرەك. مۇتلەق سادىق، مۇتلەق پاك، مۇتلەق ئىشەنچىلىك بولۇپ، باشتىن- ئاخىرى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىش، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قىسىم قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ بارلىق جەريانلىرىدا ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇمىيۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشتا باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان تۆت پولات قىسىم قۇرۇپ چىقىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا ياخشى سىياسى ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، مەشىق سەۋىيەسى، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ 2018- يىللىق سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ كۆرسەتمىسىنىڭ تەلىپىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىقنى ئومۇمىيۈزلۈك كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، چاقىرغان ھامان ھازىر بولىدىغان، كەلگەن ھامان جەڭ قىلالايدىغان، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان سەر خىل قوشۇن قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
ئۈچىنچى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «جەڭگىۋار قوشۇن، خىزمەت ئەترىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، دېققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «ئۇل تاش» ۋە «مۇقىملاشتۇرغۇچ» رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
تۆتتىنچى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلما، چوڭقۇر تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ «بىر شاھمات تاختىسى» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئارمىيە- خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئارمىيە خەلقنى سۆيۈش، خەلق ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش، ئارمىيە بىلەن خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش شەرەپلىك ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە دۆلەت مۇداپىئەسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى قوللايدىغان، دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەيدىغان قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلىپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىچقويۇن-تاشقويۇن، ئۇيۇلتاشتەك مەزمۇت مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.
   شىنجاڭ ھەربىي رايونى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى فايى، ۋاڭ گويى، خالمۇرات ئابدۇراخمان، دۇ يۇڭياۋ، خەن بىڭچېڭ، غەيرەت  ئۆمەر، جاڭ چىيەن، جاۋ جىدەن، ليۇ لىنفۇ، ليۇ رۇڭجىن يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى