قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى

2018-01-13 20:39:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 1-ئاينىڭ 12-كۈنى رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي ئەزالار يىغىنىنى مۇشۇ ئاينىڭ 15- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي ئەزالار يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تەتقىق قىلىنىپ قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق دائىمىي ئەزالار يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھەسى)، كۈنتەرتىپ، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار دائىرىسى ماقۇللاندى. رەئىسلەر يىغىنىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ ئاساسلىق قارالمىلىرى تۆۋەندىكىچە بولدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى 5- يىغىنىنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)سى گە قاراپ چىقىلىدۇ. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان ئورۇن، ساھە تەسىس قىلىش ۋە ئەزالارنىڭ نامزات ئىسىملىكى (لايىھە)سى مەسلىھەت قىلىنىدۇ. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى (لايىھە) سى ۋە سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمى كومىتېتىنىڭ  تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات (لايىھە) گە قاراپ چىقىلىدۇ. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى دوكلاتىنى دوكلات قىلغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى (لايىھە)سىگە قاراپ چىقىلىدۇ. سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ 2017- يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلىدۇ، ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرىغا قاراپ چىقىلىدۇ. رەئىسلەر يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 20- قېتىملىق يىغىنىدا ھەل قىلىپ بولىنمىغان ئىشلارغا قاراپ چىقىش ھوقوقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار (لايىھەسى)گە قاراپ چىقىلىدۇ.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى