قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: يېڭىلىق يارىتىش- تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، زامانىۋىيلاشقان يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2018-01-13 20:39:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: يېڭىلىق يارىتىش- تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، زامانىۋىيلاشقان يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ پەن- تەتقىقات، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يەنە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.
يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى «رەقەملىك بېلىقچىلىق» تۈرى- «نىلقا ناھىيەسىنىڭ سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى بويىچە رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى» يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ تۈر قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. تۈردە تەستىقلانغان ئومۇمىي مەبلەغ سېلىنمىسى 27 مىليون 170 مىڭ يۈەنگە يەتتى. تۈر قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان رايونلار ئىچىدە تاۋار بېلىق مەھسۇلات مىقدارى تىرىشىپ بىر ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە ئاشۇرۇلۇپ، بېلىق كېسەللىكىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى % 65 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلىدۇ. تۈرنى يولغا قويۇش سۇبيېكتى- شىنجاڭ «تيەنيۈن» ئورگانىك يېزا ئىگىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياۋ دىڭشياڭ مۇنداق دېدى:- رەقەملىك بېلىقچىلىق تۈرى پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭ تيەنيۈن شىركىتى بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى يېڭى ئەندىزىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. تۈر قۇرۇلۇشى شۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش شۇنداقلا يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شىنجاڭ تيەنيۈن ئورگانىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتى مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، سالمون بېلىقىنى تەبىئىي مۇزلۇقتا كۆلەملەشتۈرۈپ بېقىشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، «جۇڭگونىڭ يېشىل ئورگانىك يېمەكلىك» تۈرى بويىچە ئېتىراپ قىلىندى. دېمەك، دېڭىز- ئوكياندىن يىراق بولغان شىنجاڭلىق ئىستېمالچىلارنىڭ ساپ سالمون بېلىقىنى ئىستىمال قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي يەنە شاڭخەي قاتارلىق شەرقتىكى بازارلارغا يۈرۈش قىلدى. شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ مۇستەقىل تەتقىق قىلغان يادرولۇق تېخنىكىسى ئىستېمالچىلارنى سالمۇن بېلىقىنى تېتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە بازار پۇرسىتىنى تالاشتى.
   ئۈرۈمچى شىنتەي نىپىز يۇمشاق دېتال ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئىچىدە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا فىزىكىلىق ئايرىش تورى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتنى ئالماشتۇرۇش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. سىستېما ئىچكى، تاشقى توردىكى فىزىكىلىق ئايرىشنى ئۆزگەرتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ماشىنا ئادەم ئادەمنىڭ ئورنىدا ئاپتوماتىك ئوپتىك دىسكىنى كۆپەيتىپ، ئىچكى، تاشقى توردا سانلىق مەلۇماتنىڭ بىخەتەر، قولايلىق ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. شىركەتنىڭ مەسئۇلى يۈ داشىن مۇنداق دېدى:- كەلگۈسىدە شىركەتنىڭ تەرەققىياتىنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا باغلاپ، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلايمىز ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز. بىز مەھسۇلات سانلىق مەلۇماتىنى ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى، سىغىمچانلىقى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر دورىگەرلىكى تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئىسراپىل ئەبەي ئۆزىنىڭ يېڭى دورىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئىدى. بۇلتۇر 3- ئايدا، ئىسراپىل ئەبەي ئاپتونوم رايوننىڭ پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بازاردا دائىم ئۇچرايدىغىنى زۇكام جەۋھىرى، زۇپا جەۋھىرى قاتارلىق دورىلار ئۇنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى. ئىسراپىل ئەبەي مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:- پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى جۇڭگو تېبابىتى، دورىگەرلىكى بىلەن مىللىي تېبابەت، دورىگەرلىكنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى ھەم ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش يولىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. شىنجاڭنىڭ بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش كېرەك. بىزنىڭ پۇرسىتىمىز پىشىپ يېتىلدى. كېيىنكى قەدەمدە تەتقىقات ئورنىمىز ئاساسلىقى جۇڭگو تېبابىتى، دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت، دورىگەرلىك شۇنداقلا يېڭى دورىلارنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ماركىسىنى يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ چوڭ ساغلاملىق، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت، دورىگەرلىك كەسپىگە تۆھپە قوشىدۇ.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: پەن- تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانا ئاساس، بازار يېتەكچى قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تېخنىكا يېڭىلاش سىستېمىسى ئورنىتىش، ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىز    «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت پىكىرى»نى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، سىناق رايونى قۇرۇلۇشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گاۋ ۋاڭشېڭ مۇنداق دېدى:- «پىكىر» دە نۇرغۇن سىياسەتلەر بار. بۇ يىل بۇ يېڭى سىياسەتلەرنى ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. مەسىلەن: زايوم سىياسىتىدە يېڭىلىق يارىتىمىز. ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ئالىي مەكتەپ ياكى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسى قاتارلىق شارائىتى بار جايلاردا بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. بۇ خۇددى پۇل بېلىتىغا ئوخشاش بىر ئىش. ئالدى بىلەن ئىستىمال قىلىدۇ. ئاندىن ھەمكارلىشىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئۈنۈمى بولغاندا ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى 2018- يىلى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كەسپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتەك چوڭ ۋە مۇھىم تۈرلەر تەسىس قىلىنىدۇ. پەن- تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە سۇپىسى قۇرۇلۇشى، يېڭىلىق يارىتىش بازا قۇرۇلۇشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قاتارلىق سەككىز جەھەتتىكى ۋەزىپىنىڭ ھەممىسى بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، سىناق رايونى قۇرۇلۇشىغا ئائىت تۈرلۈك ۋەزىپىلەر ئىدارە، ئورۇن، تارماق ۋە ئادەملەرگىچە تەپسىيلىيلاشتۇرۇلىدۇ.تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى