قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاي ئىچكەچ كىتاپ ئوقۇش، لېكسىيە ئاڭلاش- ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى قايراق كەنتىدىكى قۇربانجان ئۆمەرنىڭ دېھقانلار قىرائەتخانىسىدا كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى

2018-01-13 20:31:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
چاي ئىچكەچ كىتاپ ئوقۇش، لېكسىيە ئاڭلاش- ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى قايراق كەنتىدىكى قۇربانجان ئۆمەرنىڭ دېھقانلار قىرائەتخانىسىدا كىتاپ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بۇ قىرائەتخانا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىلىم ئىگىلەش، ماھارەت يېتىلدۈرۈشتىكى مەدەنىيەت بېغىغا ئايلاندى.
دېھقانلار قىرائەتخانىسىدا، يەرلىك لېكسىيە سۆزلىگۈچى قۇربانجان ئۆمەر كەنت ئاھالىلىرىگە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدىن لېكسىيە سۆزلەپ بېرىۋاتقان ئىدى. ئۇ دېھقانلار قىرائەتخانىسى ئاچقاندىن بۇيان، كەنتتە مۇقىم لېكسىيە سۆزلەش نۇقتىسى بار بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دېھقانلار  قىرائەتخانىسىمۇ يۇرتداشلارنىڭ مەدەنىيەت بېغىغا ئايلاندى. بۇ يەردە «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى»، «تارىخنامە»، «بەش مىڭ يىل» قاتارلىق كىتاپلار بار بولۇپ، 10 كىتاب جازاسى كىتاپلار بىلەن توشقان ئىدى. كەنت ئاھالىلىرى بىكار ۋاقتى بولسىلا بۇ يەرگە كېلىپ بىلىم ئالىدۇ. كەنت ئاھالىسى ئابلىز مەمەت مۇنداق دېدى:- مەن بۇ يەرنى بەك ياخشى كۆرىمەن. بۇ يەردە نۇرغۇن پايدىلىق نەرسىلەرنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. يېقىندا باقمىچىلىققا ئائىت كىتاپنى ئوقۇدۇم. قۇربانجاننىڭ بۇ قىرائەتخانىنى ئاچقىنىغا رەھمەت.
دېھقانلار قىرائەتخانىسىنىڭ تېمىغا چوڭ ھەجىمدىكى بىر پارچە سۆرەت ئېسىقلىق تۇراتتى. سۆرەتتە قۇربانجان ئۆمەر موتوسىكلىت مىنىپ ئولتۇرغان بولۇپ، موتوسىكلىتتا بەشيۇلتۇزلۇق قىزىلبايراق لەپىلدەپ تۇراتتى. قۇربانجان ئۆمەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2007- يىلىنىڭ بېشىدا، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ، مەندە موتوسىكلىت مىنىپ بېيجىڭغا بېرىش، يول بويى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئويى پەيدا بولدى. قۇربانجان ئۆمەرنى ئېيتىشىچە، ئۇ 40 كۈندە بۇ مۇساپىنى تاماملىغان. ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭدا 10 مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىش ئويى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ كىتاپ ئوقۇش ئويى پەيدا بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېنىدىن نەچچە ئون مىڭ يۈەن چىقىرىپ، دېھقانلار قىرائەتخانىسى قۇرغان. ئۇ مۇنداق دېدى:- ۋەتىنىمنىڭ تەرەققىياتىنى كۆرۈپ بەك پەخىرلەندىم. ئۆزەمنىڭ تولۇقسىزدىلا ئوقۇشتىن توختاپ قالغىنىمغا بەك ئۆكۈندۈم. مېنىڭچە، كىتاپ ئوقۇش بەك مۇھىم ئىكەن. مەن كۆپچىلىكنىڭ كىتاپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن دەۋرگە يېتىشكىلى بولىدۇ.
كەنت ئاھالىلىرى دەسلەپتە قۇربانجان ئۆمەرنىڭ كەنتتە قىرائەتخانا ئاچقانلىقىنى ئانچە قوبۇل قىلالمىدى. كىتاپ كۆرۈشكە كېلىدىغانلارمۇ يوق دىيەرلىك بولدى. قۇربانجان ئۆمەر بۇنىڭدىن ئۈمىتسىزلەنمىدى. ئۇ نۇرغۇن بالىلار ئوقۇشلۇقى سېتىۋېلىپ بالىلارنى جەلپ قىلدى. يەنە قەرەللىك ھالدا كىتاپ ئوقۇش يىغىلىشى، دېكلاماتسىيە قىلىش يىغىلىشى ۋە لېكسىيە سۆزلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى ھەقسىز چاي، نان بىلەن تەمىنلىدى. ئاستا- ئاستا قىرائەتخانىغا كېلىدىغانلار سانى كۆپەيدى. كۆپ قىسىم بالىلار دەرستىن چۈشۈپلا بۇ يەرگە كېلىپ تاپشۇرۇپ ئىشلەپ كىتاپ ئوقۇيدىغان بولدى، چوڭلارمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. 2016- يىلى ئاتۇش شەھىرى 960 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، دېھقانلار قىرائەتخانىسى كېڭەيتتى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەرگە 16 مىڭدىن كۆپرەك كىتاپ تىزىلدى. يەنە تېلېۋىزور، پرويېكتور سەپلەنگەن بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى بۇ يەردە خەۋەر كۆرەلەيدۇ، لېكسىيە ئاڭلىيالايدۇ. قۇربانجان ئۆمەر مۇنداق دېدى:- ھازىر دېھقانلار قىرائەتخانىسىغا كېلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ. باشقا كەنت ئاھالىلىرىمۇ كېلىدىغان بولدى. مەن ئۇلارنىڭ بۇ يەردە بىلىم ئىگىلىشى ھەم پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى بىلىشنى بەك ئۈمىد قىلىمەن.
دېھقانلار قىرائەتخانىسىدىكى ئەڭ ئالاھىدە بولغىنى قۇربانجان ئۆمەرنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى. 42 دەپتەرگە يېزىلغان كۈندىلىك خاتىرىگە قۇربانجان ئۆمەرنىڭ 52 يىلدىن بۇيان كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى ۋە ھىس قىلغانلىرى يېزىلغان. 1978- يىلىدىكى11- نۆۋەتلىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى3- ئومۇمىي يىغىنىدىن تارتىپ 2008- يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، 2017- يىلىدىكى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغىچە دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە تۇرمۇشتىكى ئۆزگىرىشلەر تولۇق خاتىرىلەنگەن. قۇربانجان ئۆمەر مۇنداق دېدى:- پارتىيەمىزنىڭ بارلىقى خەلق ئۈچۈن، پارتىيە خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى كۆزلەيدۇ. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھىسسىياتىمنى ئىپادىلەيمەن. يېڭى بىر يىلدا، مەن دېھقانلار قىرائەتخانىسىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى