قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو غەربىي رايون قار- مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

2018-01-13 20:39:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
   جۇڭگو غەربىي رايون قار- مۇز ساياھەت بايرىمى ۋە 12- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپى سودا كۆرگەزمىسى1-ئاينىڭ 12-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق كۆرگەزمىدە «بىر بەلباغ، بىر يول كىشىلەرنى جەلپ قىلماقتا، قار- مۇز مەنزىرىسى ئۆرپ- ئادەتنى نامايەن قىلماقتا» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، «ئەقىل- پاراسەتكە تولغان قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى، گۈزەل تۇرمۇش»تىن ئىبارەت يېڭىچە ئىدىيە گەۋدىلەندى. ئۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساياھەتچىلىكى بويىچە پۈتۈن كەسپ زەنجىرىنى ئۇنۋېرسال نامايەن قىلىشتىكى كاتتا مەرىكە. كۆرگەزمە زالىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 18 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئۆلچەملىك كۆرگەزمە ئورنىدىن تەخمىنەن 800 ى بار. بېيجىڭ، تيەنجىن، گۇاڭشى، گەنسۇ، خەينەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئىچكىرىدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆمەك تەشكىللەپ قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى ھەمدە كۆرگەزمىدە قىش پەسلىدىكى ساياھەت تۈرلىرى، ئۆزگىچە ساياھەت تاۋارلىرى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى. سانجى ئوبلاستلىق ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ زىبىن مۇنداق دېدى:- يەتتە ناھىيە، شەھەر، بىر باغچا رايونىنىڭ ھەممىسى ئۆمەك تەشكىللەپ قاتناشتى. بۇ سانجى ئوبلاستىنىڭ قىشلىق ۋە  ئەتىيازلىق ساياھەتچىلىكى، ھەتتا پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ھەم ناھايىتى ياخشى تەشۋىقات سۇپىسى، شۇنداقلا ساياھەت كەسپىدىكىلەرنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن تېپىلغۇسىز پۇرسەت.
بۇ نۆۋەتلىك قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسىدە، جايلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ساياھەت، ساياھەتچىلىك بويىچە ئويۇن قويۇش، ساياھەت تاۋارلىرى، ئۆزگىچە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى، قار- مۇز كارخانىسى، ساياھەت ھاجەتخانىسى، ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىنىڭ يېڭى تەرەققىيات ۋە يېڭى تۈرلىرىنى نامايەن قىلدى. شىنجاڭ تېلاس مۇھىت ئاسراش پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ۋاكوملۇق سۇ تارتىش ھاجەتخانىسىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ سۇنى تىجەش ئۈنۈمى ئەنئەنىۋىي ھاجەتخانىلارنىڭ 10 نەچچە ھەسسسىگە باراۋەر. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى شۇ جۈن مۇنداق دېدى:- بارلىق مەنزىرە رايونلىرىنىڭ دېققىتىنى تارتتۇق. بۇلتۇر 7،8 مەنزىرە رايونى بىزگە زاكاس بەرگەن. جۈملىدىن قاناس دېگەندەك بەش ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىمۇ بۇ خىل ھاجەتخانىنى كۆرۈپ بىزگە زاكاس بەردى. ھاجەتخانا ئۇلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان قېيىن تېما ئىكەن. بىزنىڭ تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتىمىز بۇ قىيىن نۇقتىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. ئۇ خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، جۈملىدىن بۇ يىلقى زاكاس قارالما قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.
   جۇڭگو شىنجاڭ قىشلىق ساياھەت كەسپىي سودا كۆرگەزمىسى 2006- يىلىدىن باشلاپ، 11 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 2012- يىلىدىن باشلاپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، جۇڭگو غەربىي رايون قا - مۇز ساياھەت بايرىمى دەپ ئاتالدى. بۈگۈنكى، قىشلىق ساياھەت كۆرگەزمىسى شىنجاڭ شۇنداقلا پۈتكۈل غەربىي رايوندىكى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى قىشلىق قار- مۇز ساياھەت بايرىمى بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلى ئابلىم مۇنداق دېدى:- 11 يىل مۇساپە داۋامىدا ئۈزۈكسىز زورىيىپ تەرەققىي قىلدۇق. شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزۈكسىز قېزىپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھەت ماركىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ قىش پەسىللىك ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ،  مەملىكەت  ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەت كەسپى ساھەسىدىكىلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئارىلىشىشنى زورايتىپ، شىنجاڭنى جۇڭگونىڭ غەربىي رايونىدىكى قىش پەسىللىك ساياھەتچىلىكتىكى داڭلىق رايونغا ئايلاندۇرىمىز.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى