قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كىچىك ئائىلىدىكى چوڭ مېھرىبانلىق

2018-01-13 20:39:28     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايون بويىچە مەدەنىي ئائىلىلەرنى تونۇشتۇرۇش سەھىپىمىزدە «كىچىك ئائىلىدىكى چوڭ مېھرىبانلىق» دېگەن ماۋزۇدىكى ماقالىسى
قاراماي شەھىرىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى جىنلۇڭ بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق چېن جىلەن، يۈەن كېيۇڭ ئەر- ئايال ئىككەيلەن بىر- بىرىگە ھەمراھ بولۇپ 50 يىلنى باشتىن كۆچۈردى. ئۇلارغا نىسبەتەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان 4 نەۋرىسىنى بېقىپ ئالىي مەكتەپكە چېقىرىش ھاياتىدىكى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشى ئىدى.
 2006- يىلىنىڭ ئاخىرى، پىنسىيىگە چىققان ئوقۇتقۇچى، 63 ياشلىق چېن جىلەن «قاراماي گېزىتى»دە، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ياخشى بولمىغانلىقتىن تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ياردەم بېرىش نىيىتىگە كەلدى.
   چېن جىلەن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ بۇ بالىلارنىڭ قاراماي شەھەرلىك3- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، يولدىشى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپكە بېرىپ، بۇ بالىلارغا ياردەم بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. مەكتەپ ئالاھىدە قېيىنچىلىقى بار تۆت قىز ئوقۇغۇچىنى تاللاپ بەردى. شۇنىڭدىن تارتىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىن كەلگەن رازىيە، ئاينۇر، خەيرىنىسا ۋە بورتالادىن كەلگەن زاھىرەنىڭ قارىمايدا تۇغقىنى بار بولدى. چېن جىلەن ئەر- ئايال ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى ئاشتى.
چېن جىلەن بالىلارنى تەربىيەلەش ۋە ياردەم بېرىشكە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتتى. 11 يىلدىن بۇيان، ئۇلار 80 نەچچە مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلەپ تۆت قىزنى ئوقۇتۇپ ئالىي مەكتەپكە چىقاردى. بۇنىڭدىن باشقا، چېن جىلەن يەنە بالىلارنىڭ ئۆگىنىشگە كۆڭۈل قۇيۇپ يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بىز ئۇلارغا ياردەم بېرەلىسەكلا ئۇلار ئوقۇشىنى تاماملىيالايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايدۇ.
2013- يىلى چېن جىلەن ئەر- ئايال ئىككەيلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بەرگەن 4 ئۇيغۇر «نەۋرىسى» نىڭ ھەممىسى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. ئاينۇر، رازىيە، زاھىرە ھازىر ئالىي مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈپ، خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولدى. خەيرىنىسا شەرقىي جەنۇب ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ كېلىنكىلىق داۋالاش ئىلمىي كەسپىدە ئاسپرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. بالىلار دائىم چېن جىلەنگە خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى سېغىنغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. خەيرىنىسا مۇنداق دېدى:- نۇرغۇن قېتىم ھارغىنلىق، ئۆينى سېغىنغانلىق ھەم يالغۇزلۇق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن ۋاز كېچىشنى ئويلىغان ئىدىم. ھەر قېتىم شۇنداق ھىسسىياتقا كەلگەندە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقاندا چېن مۇمامنىڭ يازغان خەتلىرىنى بىر- بىرىلەپ ئوقۇپ چىقىمەن. خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويسام بولمايدۇ، دەپ يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ تىرىشىمەن. مۇمامنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولۇشىنى، بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىز ۋە خوشاللىقلىرىمىزدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى