قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەنۇبىي دېڭىز- ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ «تەجرىبە- 3» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخۇتى 14 كۈندە 5 مىڭ دېڭىز مېلىغا يېقىن دېڭىز سەپىرىنى تاماملىدى

2018-01-13 21:01:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى جەنۇبىي دېڭىز- ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ «تەجرىبە- 3» ناملىق ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخۇتى 14 كۈندە 5 مىڭ دېڭىز مېلىغا يېقىن دېڭىز سەپىرىنى تاماملاپ، مۇشۇ ئاينىڭ 12- كۈنى پاكىستاننىڭ كاراچى پورتىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ باردى. جۇڭگو- پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ پەن- تەتقىقات خادىملىرى «تەجرىبە- 3» ناملىق تەكشۈرۈش پاراخوتىغا چىقىپ مۇكران دېڭىز جىلغىسىدىكى نىشان دېڭىز تەۋەسىگە يېتىپ بېرىپ، دېڭىز- ئوكيان گېئولوگىيەسى، فىزىكا، خىمىيە، جانلىقلار قاتارلىق كۆپ خىل پەنلەر ئۈستىدە ئومۇميۈزلۈك بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. پاكىستاننىڭ گۋادار پورتى قاتارلىق دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى دېڭىز- ئوكيان مۇھىت بىخەتەرلىكى ۋە ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىشلىرىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى» ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى