قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەنتنى كونترول قىلىشتىكى ئەپچىل چارىلەر

2018-01-13 21:20:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تاماقنى كونترول قىلىش دىئابېت كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش بەكمۇ مۇھىمدۇر. شۇڭا دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قان قەنتىنى كونترول قىلىش چارىلىرىنى بىلىۋېلىشى زۆرۈر. تېببىي مۇتەخەسسىس، قان قەنتىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق ئەپچىل چارىلەرنى يەكۈنلەپ چىققان.
تاماقتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ياغلىق يېمەكلىك يېيىش. بۇ تويۇش تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ. ياغلىق يېمەكلىك ئاشقازان چىقىش ئېغىزى كىلاپانىنىڭ قىسقىرىشىغا ياردەم بېرىپ، ھەزىم قىلىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ، شۇڭا، تاماقتىن بۇرۇن بىر تال ياڭاق ياكى بىر پارچە ئېرىمچىكتەك ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلسا كۇپايە قىلىدۇ.
سالات يېيىش. سالات كراخمال ۋە قەنتنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. پۇرچاق تۈرىدىكىلەر سەۋزە، ئالما ۋە ئاپلېسىن قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدىكى ئېرىشچان تالالار ئۈچەيگە كىرگەندىن كېيىن بۇلۇتقا ئوخشاش كۆپۈپ  ئېلېمېنتلاردىكى يوچۇقلار كراخمال ۋە قەنت ماددىسىنى سۈمۈرۈپ، گېلىكوزىنى قانغا ئاستا سىڭدۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم بەدىنىنىڭ زىيادە كۆپ ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىپ قەنتكە تاقابىل تۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمايدۇ. شۇڭا ئاساسلىق يېمەكلىكنى يېيىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئازراق سالات يەۋېلىش كېرەك.
ئازراق ئاچچىقسۇ ئىچىش. ئاچچىقسۇ كىراخمالنىڭ قەنتكە ئۆزگىرىش جەريانىنى ئاستىلىتىدۇ. ئاچچىقسۇدىكى سىركە كىسلاتاسى كىراخمالنىڭ تەركىبىدىكى ئېنزىمنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. ئاچچىقسۇ يەنە بەدەننىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكنى ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا تاماقتىن بۇرۇن بىر قوشۇق ئاچچىقسۇ ئىچىۋېتىش ياكى سالات، گۆش كۆكتاتلارغا ئازراق ئاچچىقسۇ قوشۇۋېتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى