قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ساغلاملىققا پايدىلىق بولغان ئىلمىي تۇرمۇش ئادەتلىرى

2018-01-13 21:21:58     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سەھەر قوپۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.
 بۇنىڭ ساغلاملىق ئۈچۈن پايدىسى ئىنتايىن ياخشى. سەھەر قوپۇپ بىر ئىستاكان سۇۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچكەندە ئۆتكە تاش چۈشۈشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئۇ كېچىدىن يىغىلغان زەھەرنى زەھەرسىزلەندۇرۇپ، ناشتا قىلىش ئارقىلىق بەدەننى ساغلاملاشتۇرىدۇ. ئەتىگەندىكى ھاۋا تولىمۇ ساپ بولىدۇ. يامغۇر ۋە قار ياغقاندىن كېيىنكى ھاۋا تېخمۇ شۇنداق. چۈنكى، يامغۇر ياكى قار ھاۋانى تازلاپ ساپلاشتۇرىدۇ.
 ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.
«ھاياتلىق ھەرىكەت»تە دېگەندەك مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق چېنىقىپ بېرىشنى ئادەت قىلغان يۈز ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپانلىرى كىچىكىدىن تارتىپ ئەمگەك قىلىشقا ئادەتلىنىپ كەلگەن. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، ئاپتاپقا مۇۋاپىق قاقلىنىپ بېرىش؛ سەھەر تۇرۇپ 30 مىنۇت پىيادە مېڭىپ ياكى ئاستا يۈگۈرۇپ بېرىش كېرەك. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتۇش كىرەك. ياخشى ئىش قىلغاندا ئادەمنىڭ كەيپىياتنىڭ جۇشقۇن، روھىي جەھەتتە خۇشال بولىدىغانلىقى يەنە ئادەمنىڭ ئىمۇنىتىت سىستېمىسىنىڭ ياخشلىنىدىغانلىقى بايقالغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى