قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى

2018-01-30 12:55:27     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاۋ شىيا، چاۋ جىن

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەر- يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەربىر بالىنى ئادىل ۋە سۈپەتلىك مائارىپتىن تىرىشىپ بەھرىمەن قىلدۇرۇش كېرەك.
  شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مائارىپ ئاساس ۋە كاپالەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدا تارىخىي ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر مىللەت ئامما ھەقىقىي نەتىجىلەردىن بەھرىمەن بولدى، تېخىمۇ كۆپ كىشى مائارىپ تەرەققىياتىدىن نەپ ئالدى.
  كىشىلەر مائارىپتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى. بىز يېقىندا شىنجاڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى جالەل نۇرپەيىس، كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى دابوز كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇرسۇن ئەمەر، ئارا تۈرۈك ناھىيەلىك مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ۋېن باۋسۈننى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى بەس- بەستە ماختىدى.
  مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەسسىلەپ ئاشتى.
  جالەل نۇرپەيىس ئۆزى ئىشلەۋاتقان شىنجاڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى تىلغا ئالغاندا ئىپتىخارلانغان ۋە خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدىكى 3 مىڭدىن ھازىرقى 7 مىڭغا يېتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئاشتى! بۇ مەكتەپ ئەسلىدىكى ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىنستىتۇتى ئاساسىدا قۇرۇلغان، شىمالىي شىنجاڭ رايونىنىڭ كەسپىي مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون 2012- يىلى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شىنجاڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىنى قۇردى.
  جالەل نۇرپەيىس مۇنداق دېدى: ئەمەلىي مەشىق بىناسى، ئوقۇتۇش بىناسى، ئاشخانا ۋە يۈرۈشلەشكەن تەنھەرىكەت مەيدانىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن سېلىنىپ، مائارىپ ئۇل ئەسلىھەسى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. ھازىر ئىنستىتۇتىمىزدا ئېلېكتىرومېخانىكا، شەھەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق 60 تىن ئارتۇق كەسىپ تەسىس قىلىندى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئىنستىتۇتىمىز قوش سالاھىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، ھازىر ئىنستىتۇتىمىزدا قوش سالاھىيەتلىك ئوقۇتقۇچىلار %60 نى ئىگىلەيدۇ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۇدا ئۈچ يىل %95 تىن يۇقىرى بولدى. ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى دېھقان- چارۋىچى ئائىلىلىرىدىن كەلگەن، ئۇلار بەلگىلىك تېخنىكا ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى.
»يەسلى بالىلىرى دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتقۇسى كەلمەيدۇ»
  تۇرسۇن ئەمەر ئاساسىي قاتلام يېزا كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كەنت يەسلىلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇشىغا شاھىت بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: كەنتتىكى يەسلىلەر ناھىيە بازىرىدىكى يەسلىلەردىنمۇ كۆركەم، مەن تۇرۇۋاتقان كۇچا ناھىيەسىنىڭ چىمەن بازىرىدا يېڭىدىن سەككىز يەسلى قۇرۇلدى، يەسلىدە كۆپ ۋاسىتىلىك دەرسخانا، پائالىيەت ئۆيى، كۇتۇپخانا، سەھىيە- ساقلىقنى ساقلاش ئۆيى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق، بالىلارنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز، ھەتتا تامىقىمۇ ھەقسىز.
  تۇرسۇن ئەمەر مۇنداق دېدى: يەسلىنىڭ مۇھىتى ئىللىق، ئازادە، شەھەردىن كەلگەن مائارىپقا ياردەم بەرگۈچى كادىرلار بالىلارغا ناخشا ئېيتىشنى، ئۇسسۇل ئويناشنى، مەدەنىيەتنى ئۆگەتتى، بالىلار دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆيىگە قايتقۇسى كەلمەيدۇ، ئىلگىرى كەنتتىكى كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئاتا- ئانىلارغا بالىلىرىنى يەسلىگە ئاپىرىش توغرىسىدا خىزمەت ئىشلەيتتى، ھازىر ئوقۇش باشلانماي تۇرۇپلا ئاتا- ئانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرىدىغان بولدى. تۇرسۇن ئەمەر بۇ ئۆزگىرىشلەرنى تىلغا ئالغاندا ناھايىتى خۇرسەن بولىدۇ.
  ياخشى سىياسەتلەر ئوقۇتقۇچىلارنى ئاساسىي قاتلامغا كېلىشكە جەلپ قىلدى
  ۋېن باۋسۈن مۇنداق دېدى: ئوقۇش باشلانغاندا ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ دەل ۋاقتىدا مەكتەپكە كېلىشى مېنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان ئىش، ئىلگىرى بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشتىن توختاپ قالىدىغان ئەھۋاللار بار ئىدى، لېكىن بۇ ئىككى يىلدىن بۇيان بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلمىدى، چۈنكى تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىسى كەنتتە قېلىشنى خالايدىغان بولدى، بۇمۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تۇتۇپ قالالىشىدىكى مۇھىم سەۋەبنىڭ بىرى.
  ۋېن باۋسۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى تۆۋەن بولۇپلا قالماي، مەكتەپنىڭ ئۇل شارائىتلىرىمۇ ياخشى ئەمەس ئىدى. بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئۇزاق تۇرمايلا قايتىپ كېتەتتى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىل بولۇشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارمۇ مەكتەپتىن ئايرىلاتتى ياكى باشقا مەكتەپلەرگە يۆتكىلىپ كېتەتتى.
  ۋېن باۋسۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى بىر ھەسسە كۆپەيدى، ھەر ئايدا يەنە قاتناش تولۇقلىمىسى، تاماق تولۇقلىمىسى بار، بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار پاكىز، رەتلىك ئوقۇتقۇچىلار ئوبوروت ئۆيىدە ھەقسىز تۇرىدۇ، مەكتەپنىڭ قاتتىق دېتال شارائىتىمۇ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى بارغانسېرى جەلپ قىلماقتا. ئارا تۈرۈك ناھىيەسى ئاداق يېزىلىق يەسلىنىڭ مەسئۇلى ئادىلە خالىقنىڭ شىنجاڭ بالىلار پېداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، قىلچە ئىككىلەنمەي يۇرتىغا قايتىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشى ۋېن باۋسۈندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئادىلە خالىق مۇنداق دېدى: يۇرتىمىزنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلانماقتا، يۇرتۇمدىكى بالىلار ماڭا موھتاج، مەن بۇ يەرگە ياشلىق باھارىمنى تەقدىم قىلىشنى خالايمەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى