قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاياللار ئۆگىنىشكە سەل قارىماسلىقى كېرەك

2018-02-01 18:33:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئادەم بۇ ھاياتتا ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ شۇ جەرياندا مۇۋاپىق تەپەكككۇر قىلىپ ئۆز كەسپى دائىرىسىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تۇرمىسا ئوي پىكىرلىرى، ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىمۇ گاللىشىپ قالىدۇ، ياشاش جەريانىدا ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش سۈپىتى ياخشىلانغانسېرى ئادەم ئۆزىنى شۇنچە خوشال ۋە بەختىيار سېزىدۇ. ئادەم ماددىي تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەنىۋىي تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلمىسە ۋۇجۇدىدا ئاللىقانداقتۇر بىر نەرسە كەمدەك  پەرىشان تۇيۇلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا، كۆرگەم بىلگەنلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، بىلىدىغانلىرىرنىڭ تولىمۇ ئاز، پىكىرلىرىنىڭ تولىمۇ ئاددىي، چۈشەنچىسىنىڭمۇ يۈزە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ. جەمئىيىتىمىزدىكى  كۆرۈلىۋاتقان پىسخىك كېسەللەرنىڭ بىر قىسمىمۇ  ئېھتىمال بەزىلەرنىڭ ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ  ئاددىي، مەنىسىز ھايات كەچۈرىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەنلىكى، پەقەت يەپ- ئىچىش، راھەت سۈرۈش، ماددىي مەئىشەت توپلاش ئۈچۈنلا تىرىشىپ، روھىي جەھەتتىكى بايلىق توپلاشقا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بولىشىمۇ مۇمكىن.
ئۆگىنىش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دەل كىتاپ كۆرۈشتىن باشىنىدۇ. بىز ئادەتتە بىلىمنىڭ بىر قىسمىنى كىتاپتىن ئالساق بىر قىسمىنى ئەمىلىيەتتىن ئالىمىز. بىر دانا «ئادەملەرنى تۈزىتىشنىڭ ئاچقۇچى ئاياللارنىڭ قولىدا» دېگەن. ئەمما بىر قىسىم ئاياللار ئۆزىمىزنى تەربىيەلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيلا قالماي، يەنە پەرزەنتىمىزنى تەربىيەلەشكە، بولۇپمۇ قىزلىرىمىزنى ئىلىم- پەن، ئەخلاق- پەزىلەت ۋە يۈرۈش تۇرۇشتىمۇ تەڭ يېتىشكەن زامانغا لايىق قىزلاردىن  قىلىپ چىقىشقا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىدۇق. قىزلار ياخشى تەربىيە ئالمىسا قايسى يوسۇندا بالىلىرىغا ئۈلگە بولىدۇ؟ 
قىزلىرىمىزنى يارراملىق ئانىلاردىن بولسۇن دېسەك، ئاۋۋال ئانا بولغۇچىلار ئۆزىمىزدىن باشلاپ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەر خىل ھۈنەر- تېخنىكا، ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشىمىز، ھەر بىر كۈنىمىزنى ئەڭ مۇھىم، ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىشىمىز، مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت بىلەن ساپارىمىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز ئۆگىنىشىمىز لازىم. ئاياللىرىمىزدىنمۇ داڭلىق تېخنىك ئۇستىلار، كەشپىياتچىلار، ئىنژىنېر، ئالىملار.... چىقىشى كېرەك. بىزنىڭ ھاياتىمىزنىڭ داۋامى، مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ مەناسى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالىمۇ دەل شۇ ئانىلارنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەر بالىلىق مەزگىلدىكى تۇرمۇش ۋە مائارىپ سۈپىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.بىزنىڭ زور كۆپ ساندىكى پەرزەنتلىرىمىز ئانىلارنىڭ ئىجتىھات بىلەن تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە ناھايىتى ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتىدۇ، بۇنداق  ئاياللىرىمىز ئۆزئارا بىر يەرگە يىغىلسا ناھايتى ئەھمىيەتلىك پاراڭلارنى قىلىشىدۇ، بىكار ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كىتاپ كۆرىدۇ، ئۆزلۈكسىز بىلىم يېڭىلايدۇ، توختىماي ئۆگىنىش ئارقىلىق پەرزەنتلىرگە ئۈلگە بولۇپ  كېلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئالدىراشلىقتىن ئۇھ دېگىلى ۋاقتى يوق بولاتتى. خىزمەتتە ئارقىدا قالسا، نەتىجىسى كۆرۈنمىسە «سەت كۆرۈنۈپ» قالاتتى.  ئائىلىدە ئاشخانىدىن تارتىپ ھاجەتخانىغىچە، بالىلارنىڭ ھوجرىلىرىنى رەتلىمىسە بولمايتتى، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئاغزىغا تېتىغۇدەك تاماق تەييارلىمىسا ئائىلە مۇھىتى كۆڭۈلسىز بولۇپ قالاتتى...  ئەجىبا بۇ ئاياللار شۇ ئالدىراشلىقلار ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ يەنە ئۆگىنىۋېتىپتۇغۇ! ئېنىقكى ئۇلار ئىلگىرىكى ھاياتىدا بوش ئۆتكۈزىۋەتكەن ۋاقىتلىرىنى تولدۇرماقچى، ئەلۋەتتە «ئەڭ كېچىككەن باشلىنىشمۇ، كېچىككەن بولمايدۇ.»

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى