قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئارتۇقچىلىقىڭىزنى نامايان قىلىشنىمۇ بىلىڭ

2018-02-08 19:53:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى ئېلان ۋاكالەت شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولمىغاچقا، كۆزگە كۆرۈنمىگەنىدى. شىركەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە كومپيۇتېر ئاساسىي بىلىملىرىنى ئىگىلەشنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، كۆپچىلىك يېرىم- يارتا چۈشەنگەن بولدى. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا كومپيۇتېر بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ھېلىقى ئوقۇغۇچى كومپيۇتېر توغرىسىدا ئەتراپلىق، چوڭقۇر پىكىر بېرىپ، ھەممەيلەننى ھاڭ- تاڭ قالدۇردى. نەتىجىدە بۇ ئوقۇغۇچى شىركەت كومپيۇتېر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىقىغا ئۆستۈرۈلدى. كېيىن ئۇنى شىركەت شېنجېن شەھىرىگە بىر يىللىق كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگىلەشكە ئەۋەتتى. ئۇ كەسپىي خادىم بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلدىلا، ھامان بىر كۈنى كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان، شۇڭا بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى قوشۇمچە ئۆگەنگەنىدى. دېمەك، كىشى يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ھازىرلاپ، كۆپچىلىككە ئۆزىدە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئىقتىدارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىگە سازاۋەر بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتراپلىق يېتىلگەن تالانتلىقلاردىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن، جەمئىيەتكە قەدەم باسقاندىن كېيىن، ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەممىگە قابىل ئەمەسلىكىنى، «بەش تۈردە ماھىر بولۇش»نىڭ پەقەت بىرىنىلا تاللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدۇ. شۇڭا، كىشىلىك ھاياتنى ئۈزلۈكسىز تاللاش دېگەندىن كۆرە، ئۆگىنىش، ۋاز كېچىش، يەنە تىنىمسىز ئىلگىرىلەش جەريانى دېگەن تۈزۈك. دېمەك، قانداق قىلىشنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئۆزىگە مۇناسىپ كېلىدىغان ھەقىقىي يولنى تاپقىلى بولىدۇ. ۋاز كېچىشنى خالىمايدىغان كىشىلەر ئاخىرىدا ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا، كەسكىن بولۇڭ، مەجبۇرلانغان ئىشلاردىن ۋاز كېچىڭ. تۇرمۇشنى سەگەكلىك بىلەن كۆزىتىڭ، ۋاز كېچىشكە تېگىشلىك ئىشلاردىن ۋاقتىدا ۋاز كېچىڭ، ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كىشىلەرگە يولۇققاندا، ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ بېقىڭ. ئېھتىمال سىزمۇ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان كىشىلەرگە بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ نەچچە رەت يولۇققان بولغىيتتىڭىز؟ بەزىلەر سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە سىز ئۇلاردىن باي ھەم كۈچلۈك، ئەقىل- پاراسەت جەھەتتىمۇ ئېشىپ چۈشىسىز. ئومۇمەن، ئۆزىڭىزنى ھەم ئۆزگىنى، ئۆتمۈشنى ھەم بۈگۈننى چۈشەنسىڭىز، كەلگۈسىنىڭ توغرا يول خەرىتىسىنى جاپا تارتمايلا سىزىپ چىقالايسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى