قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھايات بىزگە شۇنداق دەيدۇ

2018-02-09 12:54:46     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھايات بىزگە شۇنداق دەيدۇ:
تۇرمۇش رىتىمىڭىزنى ياخشى ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
بۇنداق قىلىش خاتىرجەم ۋە گۈزەل تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ئالىي مەخپىيىتى. پەقەت تۇرمۇش رىتىمىنى ياخشى ساقلىغان چاغدا، ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. تۇرمۇش رىتىمىغا ماسلاشقان چاغدا، ئادەم ئەڭ ياخشى، تىنىچ تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ. 
مەسىلەن، سۆيگۈ، بەخت، سالامەتلىك، تىنچىلىق، خاتىرجەملىك، ئىناقلىق قاتارلىقلار. شۇنداق بولغاندا، سىز ئېرىشكەن نەرسىلەر قىممەتلىك ۋە مەنلىك بولۇپلا قالماي، ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. رىتىم بۇزۇلسا، سۆيگۈمۇ، خۇشاللىقمۇ، بەختمۇ بولمايدۇ.
تۇرمۇش رىتىمىنى بۇزماسلىقىمىز كېرەك.
رىتىمنى بۇزۇش ئاسان، تۈزۈش تەس. رىتىم بۇزۇلسا، قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىدۇ. بەدەن فىزىيولوگىيەلىك رىتىمىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن كېسەللىك، ئىش- خىزمەت رىتىمىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن نامراتلىق، سۆيگۈ- مۇھەببەت رىتىمىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن «تالاغا قاراش» پەيدا بولىدۇ. تۇرمۇش رىتىمىنى ساقلاش دېگەنلىك، ئەمەلىيەتتە «بەختلىك تۇرمۇشنى ساقلاش» دېگەنلىكتۇر.
ئاددىي- ساددا تۇرمۇشقا ئىنتىلىڭ:
ئاددىي- ساددا تۇرمۇشتا باياشات، ئېسىل ياشىغىلى بولمىسىمۇ، خاتىرجەم ۋە بەختلىك ياشىغىلى بولىدۇ.
ئاددىي- ساددا تۇرمۇشتا كۆڭۈللۈك ۋە ئەركىن تۇرمۇشنىڭ مەخپىيىتى بار. ئاددىي- ساددا تۇرمۇش كەچۈرسىڭىز، باشقىلارغا مۇھتاج بولماي خاتىرجەم ۋە خۇشال ياشايسىز. تۇرمۇشتا ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ماددىي ئېھتىياج قاندۇرۇلسىمۇ، كۆڭۈللۈك ۋە ئەركىن ياشىغىلى بولىدۇ.  سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئاددىي- ساددا تۇرمۇشنىڭ ئاساسى قانائەتتۇر، تۇرمۇشتىن رازى بولۇش- ئاددىي- ساددا ياشاشتىكى باياشاتلىقنىڭ ۋە بەختنىڭ خەزىنىسىدۇر.
 تۇرمۇشتا بۈگۈن يۈكسەك پەللىگە چىققان بولسىڭىز، ئەتە چوڭقۇر جىلغىغا چۈشۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. بۈگۈنكى قانائەت ئەتە قانائەتسىزلىككە ئۆزگىرىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئاددىي- ساددا تۇرمۇش سىزگە خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى