قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دانالار ھېكمەتلىرى

2018-02-09 13:03:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۈمىدۋار ئادەم جاپا- مۇشاققەت ئىچىدە پۇرسەتنى كۆرەلەيدۇ. ئۈمىدسىز ئادەم پۇسەت ئىچىدىكى رىيازەتنىلا كۆرەلەيدۇ.
ئامەت كۈتۈپ ياتقىنىڭدا تەقدىرىڭگە تەدبىر قىلىشىڭنى بىل. قانداق تەدبىر قىلساڭ تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ.
بۇ دۇنيادا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ. پەقەتلا ئىشلىمەي چىشلەيمەن، دېيىش مۇمكىن ئەمەس. سۇنىڭ ئېقىشىغا قاراپ، ئەل نېمە بولسا ماڭىمۇ شۇ، دەيدىغان ئاشۇ كىشىلەرنى ئەزەلدىن باشقىلار نەزىرىگە ئىلمايدۇ.
ھاسا ھەرگىزمۇ ساغلام بىر جۈپ پۇتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ دەس تۇرايلى.
سۆھبەتتە ئاخىرىغىچە سەۋر قىلالىغان ئادەمگە غورىدىن ھالۋا پۈتىدۇ.
ئادەم تىرىشچانلىقى بىلەن دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ، يېڭى ۋە تېخىمۇ گۈزەل مەنزىللەرگە يېتەلەيدۇ.
مەن ئەزەلدىن دوستلۇقنى سودا قاتارىدا كۆرگەن ئەمەس. چۈنكى ئۇنى ئالتۇنغا ئوخشاش تارتقىلى بولمايدۇ. چىن ھېسسىيات دوستلۇقنىڭ تۈۋرۈكى.
ئادەم پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھاياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، پەقەت پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسىلا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.
باشقىلار بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىشقا بەرداشلىق بېرەلىسەڭ، باشقىلار قىلالمىغان ئىشنى قىلالايسەن.
بىر ئىشنى قىلالماسلىقىمىزغا ئىشەنگەن چاغدا، چوڭ مېڭىمىز ئۇنى قىلالماسلىقىمىزغا تۈرلۈك تۈمەن باھانە- سەۋەب تېپىپ بېرىدۇ. مەلۇم بىر ئىشنى قىلالايدىغىنىمىزغا چىن دىلىمىزدىن ئىشەنگىنىمىزدە، چوڭ مېڭىمىز بىزگە شۇ ئىشنى قىلغىلى بولىدىغان ھەر تۈرلۈك چارە- ئاماللارنى ئىزدەپ، تېپىپ بېرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى