قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بېسىم ھېس قىلسىڭىز چېچىڭىزنى ياسىتىپ بېقىڭ

2018-02-09 13:06:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

نەزىرىمىزدە ئادەمنىڭ كەيپىياتى ياخشى ياكى يامان بولۇشى بىلەن چاچ ياسىتىشنىڭ ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، بىراق يېقىندا پىسلوگلار مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئادەمنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى بولمىغاندا، ساتىراشخانىغا بېرىپ چېچىنى ياسىتىپ سىناپ باقسا زىيىنى يوق، چۈنكى بۇنداق قىلغاندا پىسخىكىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق تەڭشىلىدۇ».
بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنىڭ نەتىجىسىدە مۇنداق دېيىلىدى: «ئادەم چېچىنى ياساتقان چاغدا پاسسىپ، ئەمما خاتىرجەم مۇھىتتا تۇرىدۇ، چاچ شەكلىدىكى ئۆزگىرىش ئادەمنى پىسخىك جەھەتتە ئازادىلىك ۋە خۇشاللىققا ئېرىشتۈرۈپ، روھىي كەيپىياتنى ياخشىلىنىش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇرىدۇ، چۈنكى ئادەم چېچىنى ياساتقاندا بېشى قايچا، تاغاق ۋە يۇيۇشنىڭ تەسىرىدە غىدىقلىنىپ، مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىش مىقدارى كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن چوڭ مېڭە تۈگۈن نېرۋىسى تېخىمۇ ئۆتكۈر ئىنكاس قايتۇرىدۇ-دە، پىسخىك روھىي ھالەتتە زور ياخشىلىنىش بولىدۇ».
پىسخولوگلار يەنە مۇنداق بايقاشقا ئېرىشتى: «چاچ گۈزەللەشتۈرۈش ئورنىدىن چىققان قىز- ئاياللار بىر قارىماقتا تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتى باشقىچىلا جانلىنىپ كېتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا، توك بىلەن قىزىتىش سىنىقىغا قاتناشقان ئاياللارنىڭ ۋۇجۇدىدا بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئاياللارنىك چېچىنى يۇيۇش، تاراش ھەم شامالدىتىپ قۇرۇتۇش داۋامىدا، ئۇلارنىڭ يۈرەك سوقۇش رىتىمى تەدرىجىي نورماللىشىپ، قان بېسىمىدا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ بولغان».
پىسخولوگلار يەنە مۇنداق دېدى:«ئادەمنىڭ كەيپىياتى بۇزۇلغان چاغدا چېچىنىڭ پاسونىنى ئۆزگەرتىپ باقسا، ناچار كەيپىياتنىڭ دەسلەپكى قوزغىلىش چاستوتىسىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ، شۇنداقلا دېۋەڭلىكنى پەيدا قىلىدىغان ھورمۇننىڭ كۆپلەپ ئىشلەپچقىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى